11 ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن: - دوستىمىز لازار ئۇخلاپ قالدى، مەن ئۇنى ئويغاتقىلى بارىمەن، - دەپ قوشۇپ قويدى.
قارا يەر باغرىدا ياتقانلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ. بەزىلىرى نومۇستا قېلىپ، مەڭگۈلۈك شەرمەندە بولىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا لازارنىڭ ئۆلۈمىنى دېمەكچىدى، لېكىن ئۇلار ئادەتتىكى ئۇيقۇنى دەۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى.
ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن ئۆلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇ قايتا كەلگەندە، بىز مەيلى ھايات ياكى ئۆلگەن بولايلى، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەڭگۈ ياشىشىمىز ئۈچۈندۇر.
ئەمدى خۇدا ماڭا ئاشكارىلىغان ھەقىقەتنى سىلەرگە ئېيتاي. ھەممىمىزلا ئۆلمەيمىز، بىراق ھەممىمىز پۈتۈنلەي ئۆزگىرىمىز.
كېيىن، ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: - ئى رەببىم، بۇ گۇناھنى دەپ ئۇلارنى جازالىمىغايسەن، - دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا جان ئۈزدى.
قەبرىلەر ئېچىلدى. ھەزرىتى ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن، بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بىرمۇنچە تەقۋادار ئادەملەر تىرىلدى.
چۈنكى، ھەممە نەرسىنى ئاشكارىلايدىغىنى نۇردۇر. شۇڭا، مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئويغان، ئەي ئۇخلاۋاتقان ئىنسان، تىرىل روھىي ئۆلۈمدىن. ئەيسا مەسىھ ساڭا نۇر چاچار!»
ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرىپ ئۇلارغا: - نېمىشقا دەرد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلايسىلەر؟ بالا ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ، - دېدى.
ئۇلارغا: - چىقىپ كېتىڭلار، بۇ قىز ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ، - دېدى. بىراق، خالايىق ئۇنى مەسخىرە قىلدى.
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن خۇددى دوستى بىلەن سۆزلەشكەندەك يۈزمۇيۈز سۆزلىشەتتى. مۇسا قارارگاھقا قايتىپ كەلگىنىدە، نۇننىڭ ئوغلى، يەنى ئۇنىڭ ياش ياردەمچىسى يوشۇۋا يەنىلا ئۇچرىشىش چېدىرىدا بولاتتى.
بۇنىڭ بىلەن، تەۋراتتا ئېيتىلغان: «ئىبراھىم خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. خۇدا ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى» دېگەن سۆز ئىسپاتلاندى ۋە ئىبراھىم خۇدانىڭ دوستى، دەپ ئاتالدى.
ئەقىل-ھوشۇڭلارنى تېپىپ، گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈڭلار. بەزىلىرىڭلار خۇدانى تېخىچە تونۇمايسىلەر. بۇ سۆزنى سىلەرنى خىجىل بولسۇن، دەپ ئېيتىۋاتىمەن.
ئۇ چاغدا، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەم تۈگەپ كەتكەن قېرىنداشلارمۇ دوزاخقا چۈشكەن بولاتتى.
لازارنىڭ ھەدىلىرى ھەزرىتى ئەيساغا: «ئى رەببىمىز، سىز ياخشى كۆرىدىغان دوستىڭىز كېسەل بولۇپ قالدى» دەپ خەۋەر بېرىشتى.
قىز چوقۇم ئۆزى بىلەن توي قىلىدىغان يىگىتكە مەنسۇپ بولىدۇ. قولداش بولسا يىگىتنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ، ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەنمۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىشىدىن خۇشاللىنىپ، قىن-قىنىمغا پاتماي قالدىم.
ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارىم، سىلەر مەن تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر مېنىڭ دوستۇم ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى.
ئى خۇدايىمىز، سەن بۇ زېمىندا ياشىغان خەلقلەرنى ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا قوغلاپ چىقىرىپ، دوستۇڭ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈلۈك مۈلۈك قىلىپ بەرگەن ئەمەسمىدىڭ؟!
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. بۇ خەلق ئۇ زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ، خۇددى پاھىشىلەردەك ساداقەتسىزلىك قىلىدۇ. ئۇلار مېنى تاشلاپ، مەن بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ.
گېخازى ئۇلارنىڭ ئالدىدا بېرىپ، ھاسىنى بالىنىڭ يۈزىگە قويۇۋىدى، سادا چىقمىدى، ئىنكاسمۇ بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتىپ كېلىپ، ئېلىشاغا: _ بالا ئويغانمىدى، _ دېدى.
لېكىن، كېچىسى يول ماڭغان يىقىلار، چۈنكى ئۇنىڭدا يورۇقلۇق يوقتۇر.
شاگىرتلار: - ئۇخلىغان بولسا ياخشى بولۇپ قالىدۇ، ئى رەببىمىز، - دېدى.