10 لېكىن، كېچىسى يول ماڭغان يىقىلار، چۈنكى ئۇنىڭدا يورۇقلۇق يوقتۇر.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى زۇلمەتكە دۇچار قىلىپ، قاراڭغۇ تۈنلەردە تاغلاردا پۇتلاشتۇرۇپ يىقىتىشتىن بۇرۇن، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار. بولمىسا سىلەر يورۇقلۇق ئىزدىگىنىڭلاردا، پەقەت خىرەلەشكەن قاراڭغۇلۇقتا قالىسىلەر.
لېكىن پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىك جەڭچىگە ئوخشاش ماڭا يار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلار يىقىلىپ چۈشىدۇ. ئۇلار مېنى يېڭەلمەيدۇ، ئۇلار مەغلۇپ بولۇپ پۈتۈنلەي نومۇسقا قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىزا-ئاھانەتكە قالغانلىقى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.
دانا ئادەمنىڭ كۆزلىرى روشەن بولار، نادان ئادەم قاراڭغۇلۇقتا ماڭار. ئەمما ئۇلارنىڭ قىسمىتى ئوخشاش بولۇپ، ھەممە ئادەم بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ.
رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم پۇتلىشىپ چۈشتى دۈم، گۆشۈمنى يېمەك بولۇپ ماڭا قىلغاندا ھۇجۇم.
ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆزى ئۇلاردا يىلتىز تارتمىغاچقا، ئۇلار ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنگەنلىكىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، خۇدا يولىدىن دەرھال چەتنەپ كېتىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - كۈندۈز ئون ئىككى سائەت ئەمەسمۇ؟ كۈندۈزى يول ماڭغان يىقىلماس، چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيانىڭ يورۇقىنى كۆرىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن: - دوستىمىز لازار ئۇخلاپ قالدى، مەن ئۇنى ئويغاتقىلى بارىمەن، - دەپ قوشۇپ قويدى.