6 ئەتراپىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ تەمسىلنى سۆزلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمىدى.
بۇ ئىتلار ئاچ كۆزدۇر، تويۇشنى بىلمەيدۇ. بۇلار ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىغان پادىچىلار، ھەر كىم ئۆز پايدىسى ئۈچۈن ئۆز يوللىرىغا راۋان بولىدۇ.
چۈشەنمەس رەزىللەر ئادالەتنى، تولۇق چۈشىنەر پەرۋەردىگارغا تەلپۈنگۈچىلەر ئۇنى.
نادان ۋە بىلىمسىزدۇر ئۇلارنىڭ ھەممىسى، ماڭار ئۇلار زۇلمەت ئارا، تەۋرەر يەرنىڭ ئۇللىرى.
- سىلەرگە بۇلارنى تەمسىللەر بىلەن بىلدۈردۇم. بىراق، شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا تەمسىللەر بىلەن سۆزلىمەيمەن، ئاتام توغرۇلۇق ئوچۇق ئېيتىمەن.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - بۇ سۆزلەرنى چۈشەندىڭلارمۇ؟ - دەپ سورىدى. - چۈشەندۇق، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
بۇ ئازابلار ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر تاۋلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە قۇسۇرسىز بولىدۇ. يامانلار چۈشەنمەي، يامانلىق قىلىۋېرىدۇ، پەقەت دانالار چۈشىنىدۇ.
ئەجدادلىرىمىز مىسىردىكى چېغىدا، مەنسىتمىگەنىدى خۇدانىڭ مۆجىزىلىرىنى. ئىسيان كۆتەرگەنىدى ئۇلار قىزىل دېڭىز بويىدا، ئېسىدىمۇ تۇتماستىن خۇدانىڭ مۇھەببىتىنى.
يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي خۇدانى تونۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. بىز ھەقىقىي خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلانغانمىز. ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي خۇدادۇر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر!
لېكىن، قەلبىدە خۇدانىڭ روھى بولمىغان كىشىلەر خۇدانىڭ روھى ئاتا قىلغان بۇ ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىشلار ئۇلارغا بىمەنە تۇيۇلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بۇ ئىشلارنى چۈشىنەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئىشلارنى پەقەت خۇدانىڭ روھىنىڭ ياردىمى ئارقىلىقلا چۈشەنگىلى بولىدۇ.
سۆزلىرىمنى نېمىشقا چۈشەنمەيسىلەر؟ ئېنىقكى، مېنىڭ تەلىمىم قۇلىقىڭلارغا ياقمايۋاتىدۇ!
ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقانلىرىنىڭ ئاتىسى خۇدا توغرۇلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدى.
«مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر» دېگىنى نېمىسىدۇ؟ - دېيىشتى.
نۇرغۇن شاگىرتلار بۇنى ئاڭلىغاندا: - بۇ تەلىمنى ھەزىم قىلىش بەك تەس ئىكەن! بۇنى كىم قوبۇل قىلالىسۇن؟ - دېيىشتى.
بۇ سۆز بىلەن ئۇلار خاپا بولۇشۇپ: - بۇ ئادەم بىزنىڭ يېيىشىمىزگە ئۆز تېنىنى قانداق بېرەلەيدۇ؟ - دېيىشىپ، تالاش-تارتىش قىلىشقا باشلىدى.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەمسىللەر بىلەن كۆپچىلىككە بايان قىلدى. ئۇ تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ھېچقانداق تەلىم بەرمەيتتى.
تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ھېچقانداق تەلىم بەرمەيتتى. ئۆز شاگىرتلىرى بىلەن يالغۇز قالغىنىدا، ئۇلارغا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.
شاگىرتلىرى: - ئەمدى تەمسىل كەلتۈرمەي، ئوچۇق ئېيتتىڭىز!
ئۇنىڭ يامان يولغا قايتقىنى دەل ھېكمەتلىك سۆزلەردە ئېيتىلغىنىغا ئوخشايدۇ: «ئىت ئايلىنىپ ئۆز قۇسۇقىنى يەر» ۋە يەنە «چوشقا يۇيۇنۇپ چىقىپلا پاتقاقتا ئېغىنار.»