5 يات بىرىنىڭ كەينىدىن ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن قاچىدۇ، چۈنكى ياتلارنىڭ ئاۋازىنى تونۇمايدۇ.
سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى، تىرىشچانلىقىڭنى، سەۋر-تاقىتىڭنى بىلىمەن. رەزىل ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىڭنى، ئەلچى بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى ئەلچى، دەپ ئاتىۋالغانلارنى سىناپ، ئۇلارنىڭ ساختىلىقىنى تونۇغانلىقىڭنىمۇ بىلىمەن.
ئاڭلىغانلىرىڭلارغا زېھىن قويۇڭلار! سىلەر قانچىكى كۆپ زېھىن قويساڭلار، سىلەرگە شۇنچە كۆپ چۈشەنچە بېرىلىدۇ، ھەتتا يېتىپ ئاشقۇدەكمۇ بېرىلىدۇ.
ئەي ئوغلۇم، توختاتساڭ نەسىھەت ئاڭلاشنى، قاچۇرغىنىڭدۇر ئىلىم-ھېكمەتتىن ئۆزۈڭنى.
سىلەرگە بۇ خەتنى يىزىشىمدىكى سەۋەب، سىلەرنىڭ ھەقىقەتنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى بىلىپ، يالغانچىلىقنىڭ ھەقىقەتتىن كېلىپ چىقمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر.
بىراق يىھوشافات: _ بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن ھېچكىم قالمىدىمۇ؟ ئەگەر قالسا، بىز بۇ ئىشنى ئۇنىڭدىن سورايلى، _ دېدى.
ئۇلار ئارىمىزدىن چىقتى، لېكىن ئۇلار بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن ئەمەس. چۈنكى، بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن بولغان بولسا، بىزدىن ئايرىلمىغان بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى ھېچقايسىسىنىڭ راستتىنلا بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
چۈنكى، شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا ئىنسانلار خۇدا توغرىسىدىكى توغرا تەلىملەرنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. بەلكى، ئۇلار قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن، ئۆز ھەۋەسلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەلىم بەرگۈچىلەرنى ئىزدەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭ خۇدانىڭ ھەقىقىتى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار. چۈنكى، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ. لېكىن، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولمىسا، ئۆزىدە بار دەپ قارالغىنىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ، - دېدى.
قويچى قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ.
بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ چاقىرىشىم كېرەك. ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ. ھەممە قويلار بىر پادا بولۇشۇپ، بىر قويچىغا ئەگىشىدۇ.