4 قويچى قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ.
مىسىردا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا كۆز ئالدىڭلاردا سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۇ يەردىمۇ سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ.
بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ چاقىرىشىم كېرەك. ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ. ھەممە قويلار بىر پادا بولۇشۇپ، بىر قويچىغا ئەگىشىدۇ.
كىمدەكىم ماڭا خىزمەت قىلىشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ چاكىرىم شۇ يەردە بولىدۇ. ماڭا خىزمەت قىلغۇچىلارنى ئەرشتىكى ئاتام ھۆرمەتلەيدۇ.
- دېمەك سەن بىر پادىشاھ، شۇنداقمۇ؟ - دېدى ۋالىي پىلاتۇس. - ئېيتقىنىڭىزدەك، مەن پادىشاھ، مەن ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدىم، ھەقىقەتتە تۇرىدىغان كىشىلەر مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
چۈنكى، سىلەر مانا شۇنداق ئازاب-ئوقۇبەتكە چاقىرىلدىڭلار. ئەيسا مەسىھمۇ سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىزىدىن ماڭسۇن دەپ، سىلەرگە ئۈلگە قالدۇردى.
سىلەرگە ئامانەت قىلىنغان بۇ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇۋالماڭلار، ئەكسىچە بۇ جامائەتچىلىككە ئۈلگە بولۇڭلار.
مەن ئەيسا مەسىھنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلغىنىمدەك، سىلەرمۇ مېنى ئۆزۈڭلارغا ئۈلگە قىلىڭلار.
مەندىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر، لېكىن قويلار ئۇلارغا بوي بەرمىدى.
كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!
كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن، كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم بۇنداق ھاقارەتلىك ئۆلتۈرۈلۈشكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرماقتا.
ئەيسا مەسىھ بىزگە يول ئېچىش ئۈچۈن، ئۇ يەرگە بىزدىن ئاۋۋال كىرگەن بولۇپ، بىزلەر ئۈچۈن مالكىسىدىققا ئوخشاش تەرتىپتىكى مەڭگۈلۈك باش روھانىي بولدى.
خۇدانىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرى بولغانىكەنسىلەر، خۇدانى ئۈلگە قىلىڭلار.
قىز چوقۇم ئۆزى بىلەن توي قىلىدىغان يىگىتكە مەنسۇپ بولىدۇ. قولداش بولسا يىگىتنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ، ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەنمۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىشىدىن خۇشاللىنىپ، قىن-قىنىمغا پاتماي قالدىم.
ئاڭلاۋاتىمەن ئاشىقىمنىڭ ئاۋازىنى! قارا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ ئېشىپ تاغلاردىن، ئويناپ ئۆتۈپ ئېدىرلاردىن.
بۇ سىلەرنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش باشقىلارغا خىزمەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۈلگەمدۇر.
ئەيسا مەسىھ جىسمانىي جەھەتتە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنىكەن، سىلەرمۇ شۇنداق ئىرادە بىلەن ئۆزۈڭلارنى قوراللاندۇرۇڭلار. چۈنكى، خۇدا يولىدا جىسمانىي جەھەتتە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن كىشى گۇناھ قىلىشنى توختىتىشقا بەل باغلىغان بولىدۇ.
ئۇيقۇدا ئىدىم، لېكىن ئويغاق ئىدى كۆڭلۈم، چۈشۈمدە ئاڭلىدىم سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازىنى، مانا، ئۇ قاقتى ئىشىكنى! ئىشىكنى ئاچ سىڭلىم _ ئامرىقىم، ئېھ مېنىڭ غۇبارسىز كەپتىرىم. شەبنەم چۈشۈپ بېشىمغا، كېچىدە ھۆل بولدى چېچىم.
كۆزەتچى ئىشىكنى قويچىغا ئېچىپ بېرىدۇ. قويلار قويچىنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ، ئۇمۇ ئۆز قويلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى چاقىرىپ ئۇلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقىدۇ.
يات بىرىنىڭ كەينىدىن ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن قاچىدۇ، چۈنكى ياتلارنىڭ ئاۋازىنى تونۇمايدۇ.
مېنىڭ قويلىرىم گېپىمنى ئاڭلايدۇ. مەن ئۇلارنى تونۇيمەن. ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ.