36 ئەمدى ماڭا كەلسەك، ئاتام مېنى تاللاپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن «خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسەم، مېنى «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟
خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سوراققا تارتىشقا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى.
_ مەن سېنى ئاناڭنىڭ قورسىقىغا تۆرەلدۈرۈشتىن بۇرۇنلا بىلەتتىم. سەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، مەن سېنى ئۆزۈمگە ئايرىۋېلىپ، زېمىندىكى خەلقلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ تەيىنلىدىم.
بۇ خاتىرىلەر سىلەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى.
بىراق، سىلەر بۇزۇلىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن ئەمەس، بۇزۇلمايدىغان، مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەڭلار! بۇنى سىلەرگە ئىنسانئوغلى~-~ئۆزۈم بېرىمەن، چۈنكى مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى خۇدائاتام تەستىقلىغان.
ئۇلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەيسا مەسىھمۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، بۇ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلدى. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدىغان، مەڭگۈ مەدھىيىلىنىدىغان خۇدادۇر، ئامىن!
لېكىن روھىي جەھەتتىن، ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق زور قۇدرەت بىلەن ئىسپاتلانغان.
- سەن مېنىڭ رەببىم ھەم خۇدايىمسەن! - دېدى توماس ئۇنىڭغا جاۋابەن.
يەھۇدىيلار مۇنداق دېيىشتى: - بىزدە شۇنداق بىر قانۇن بار. شۇ قانۇنغا ئاساسەن، ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولسۇن. ئى ئاتا، سەن مەندە، مەن سەندە بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىزدە بولسۇن. شۇ ئارقىلىق، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن، دەپ دۇئا قىلىمەن.
سەن مېنى دۇنياغا ئەۋەتكىنىڭدەك، مەنمۇ ئۇلارنى دۇنياغا ئەۋەتتىم.
چۈنكى، سەن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدۈم، ئۇلارمۇ قوبۇل قىلدى. سەندىن كەلگەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ يەتتى ھەمدە مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگىمۇ ئىشەندى.
ئىشىنىمىز ۋە بىلىمىزكى، سىز خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسىز!
ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولغان ئاتام مېنى ئەۋەتتى. مەن ئۇنىڭ بار بولغانلىقىدىن ياشايمەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، مېنىڭ تېنىمنى يېگەن كىشىمۇ مېنىڭ بار بولغانلىقىمدىن ياشايدۇ.
چۈنكى، مەن ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم.
مەن ئۆزلۈكۈمدىن ھېچنېمە قىلالمايمەن، پەقەت ئاتامنىڭ ئېيتقىنى بويىچە سوراق قىلىمەن. مېنىڭ ھۆكۈمۈم ئادىلدۇر. چۈنكى، مېنىڭ نىيىتىم مېنىڭ ئىرادەمنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر.
خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى خۇدانىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆز روھىنى ئۇنىڭغا ئايىماستىن بېرىپ كەلمەكتە.
- خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ. ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇ خۇداغا ئىشىنەتتى، خۇدا ئۇنى ئەزىزلىسە، قۇتقۇزۇپ باقمىسۇنمۇ! چۈنكى، ئۇ: «مەن خۇدانىڭ ئوغلى» دېگەنىدى، - دېيىشتى.
سەپ تۈزۈشۈپ جاھاندىكى پادىشاھلار، ئورا كولىشىپ بىرلىكتە ھۆكۈمدارلار، پەرۋەردىگار ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھقا قارشى تۇرار.
لېكىن، خۇدا ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۆز ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايالدىن تۇغۇلغان بولۇپ، تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشىدى.
گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىدەك تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز تېنىدە گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتىشى بىلەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى.
- ئاتاڭلار خۇدا بولغان بولسا، مېنى سۆيگەن بولاتتىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - چۈنكى مەن خۇدانىڭ يېنىدىن كەلدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردىمەن. ئۆزلۈكۈمدىن كەلگەن ئەمەسمەن، بەلكى ئۇ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنمەن.
ھەزرىتى ئەيسانى كۆزەت قىلىۋاتقان يۈزبېشى ۋە لەشكەرلەر زېمىننىڭ سىلكىنىشى ۋە باشقا ھادىسىلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇشقان ھالدا: - ئۇ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! - دېيىشتى.
بەرھەق، مەن داۋۇتنى ئەللەرنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمران ۋە يېتەكچى سەردار قىلىپ، ئۇ ئارقىلىق كۈچ-قۇدرىتىمنى نۇرغۇن ئەللەرگە نامايان قىلدىم.
ئۇ زەخىملەنگەن قومۇشنى سۇندۇرۇۋەتمەيدۇ، پىلىلداپ ئاجىز يېنىپ تۇرغان چىراغنى ئۆچۈرۈۋەتمەيدۇ. ئۇ چوقۇم ئادالەتنى يولغا قويىدۇ.
«قاراڭلار، مەن قوللىغان، مەن تاللىغان، مەن ياقتۇرغان خىزمەتكارىمغا! مەن ئۆزۈمنىڭ روھىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىم. ئۇ بارلىق خەلقلەرگە ئادالەتنى يەتكۈزىدۇ.
مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ-دە! خۇدا ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەنلەرنى: «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغانغۇ!