Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

32 - ئاتام ماڭا بۇيرۇغان نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى ئالدىڭلاردا كۆرسەتتىم. بۇ ئىشلارنىڭ قايسىسى ئۈچۈن مېنى چالما-كېسەك قىلماقچىسىلەر؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:32
16 Referans Kwoze  

شەيتانغا مەنسۇپ بولۇپ، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلغا ئوخشاش بولماڭلار! قابىل نېمىشقا ئىنىسىغا ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى؟ ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى ناھەق، ئىنىسىنىڭ قىلغانلىرى ھەق بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان.


خۇدا ئۇنى تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ھەممە يەرنى كېزىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، شەيتاننىڭ ئىلكىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا يار ئىدى.


ئەي ئىسرائىل قېرىنداشلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. خۇدا ناسىرەلىك ئەيسا ئارقىلىق ئاراڭلاردا كۆرسەتكەن مۆجىزە ۋە كارامەتلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانى ئۆزىنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بۇ ئىش ھەممىڭلارغا مەلۇم.


ئەگەر ئاتام بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلمىسام، ماڭا ئېتىقاد قىلماڭلار.


لېكىن، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ مەن ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقىدىنمۇ چوڭ بىر گۇۋاھلىق بار. ئۇ بولسىمۇ مېنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىم، يەنى ئاتام مېنىڭ ئورۇندىشىم ئۈچۈن ماڭا تاپشۇرغان ئىشلاردۇر. بۇلار ئاتامنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.


«كورلارنىڭ كۆزى ئېچىلدى، توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ھەتتا ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلدى» دەپ ئېيتىڭلار.


مەن يەنە شۇنى كۆردۈمكى، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ئۇلارنىڭ جاپالىق ئىشلىشىگە ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشىگە تۇرتكە بولۇپتۇ. بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.


ياخشىلىقىمغا يامانلىق قايتۇرۇپ ئۇلار، ئىچ-ئىچىمدىن مېنى ئازابتا قالدۇرار.


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - مەن سىلەرگە ئېيتقان، لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلمىدىڭلار. ئاتامنىڭ نامى بىلەن قىلغان ئىشلىرىم مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.


يەرەمىيا يەنە پادىشاھ زىدقىياغا مۇنداق دېدى: _ مەن ساڭا، ئەمەلدارلىرىڭغا ياكى بۇ خەلققە نېمە يامانلىق قىلدىم؟ نېمىشقا مېنى زىندانغا تاشلىدىڭ؟


بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىيلار يەنە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىش ئۈچۈن، يەردىن تاش ئېلىشتى.


- سېنى ياخشى ئىشلىرىڭ ئۈچۈن ئەمەس، كۇپۇرلۇق قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن چالما-كېسەك قىلىمىز. چۈنكى، سەن ئادەم تۇرۇقلۇق، ئۆزۈڭنى خۇدا قىلىپ كۆرسەتتىڭ! - دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى خالايىق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite