Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

30 ئاتام ئىككىمىز ئەسلىدە بىرمىز.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:30
18 Referans Kwoze  

- فىلىپ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - سىلەر بىلەن بىرگە بولغىنىمغا تالاي ۋاقىت بولدى، مېنى تېخىچە تونۇمىدىڭمۇ؟ مېنى كۆرگەن كىشى ئاتام خۇدانى كۆرگەن بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سەن نېمىشقا يەنە: «بىزگە ئاتىڭىزنى كۆرسىتىڭ» دەيسەن؟


بۇنىڭدىن مەقسەت، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىگىنىدەك، ئوغلىنىمۇ ھۆرمەتلىشى ئۈچۈندۇر. ئوغلىنى ھۆرمەتلىمىگەنلەر ئۇنى ئەۋەتكۈچى ئاتىسىنىمۇ ھۆرمەتلىمىگەنلەردىن بولىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل مىللەتلەرنى مېنىڭ شاگىرتلىرىم قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار. ئۇلارنى خۇدائاتا، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ،


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - مېنى سۆيىدىغان كىشى دېگىنىمنى قىلىدۇ، ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ. ئاتام بىلەن ئىككىمىز مۇنداق كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قۇرىمىز.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن ئىبراھىم تۇغۇلماستىلا بار ئىدىم! - دېدى.


لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - خۇدائاتام تا ھازىرغىچە توختىماستىن ئىش قىلىپ كەلمەكتە، مەنمۇ شۇنداق قىلىشىم كېرەك! - دېدى.


ئاتام ھەممىنى ماڭا تەقدىم قىلدى. مېنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم ھەقىقىي تونۇمايدۇ. ئاتامنىمۇ مەن ۋە مەن ئۆزۈم ئاشكارىلاشنى خالايدىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ھەقىقىي تونۇمايدۇ.


يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي خۇدانى تونۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. بىز ھەقىقىي خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلانغانمىز. ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي خۇدادۇر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر!


بىز ئۇلۇغ خۇدا بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن قايتا كېلىشىدىن ئىبارەت مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمىز.


مېنىڭكى سېنىڭكىدۇر. سېنىڭكى بولسا مېنىڭكىدۇر. مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم ئۇلار ئارقىلىق ئايان بولدى.


ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.


ئاتامدا بار بولغاننىڭ ھەممىسى ھەم مېنىڭدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇقەددەس روھ مەندە بار بولغاننى سىلەرگە يەتكۈزىدۇ، دەپ ئېيتتىم.


ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق ئۈچ گۇۋاھلىق بار.


ئەي ئىسرائىللار، قۇلاق سېلىڭلار، پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇ يېگانىدۇر.


ئۇلارنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئاتام ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. ئۇلارنى ئاتامنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ.


ئەمدى ماڭا كەلسەك، ئاتام مېنى تاللاپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن «خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسەم، مېنى «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite