Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 يەنە بەزىلەر بولسا: - جىن تەگكەن ئادەمنىڭ سۆزلىرى بۇنداق بولمايدۇ. جىن تەگكەن ئادەم قانداقمۇ قارىغۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچالىسۇن؟! - دېيىشتى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:21
11 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ ئادەمگە سۆزلەش قابىلىيىتىنى بەرگەن كىم؟ ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان ياكى سۆزلىيەلمەيدىغان، ئاڭلىيالايدىغان ياكى ئاڭلىيالمايدىغان، كۆرەلەيدىغان ياكى كۆرەلمەيدىغان قىلغان مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟


«كورلارنىڭ كۆزى ئېچىلدى، توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ھەتتا ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلدى» دەپ ئېيتىڭلار.


ئاڭلىماسمۇ قۇلاقنى ياراتقۇچى؟! كۆرمەسمۇ كۆزنى ئاتا قىلغۇچى؟!


ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يەرگە تۈكۈرۈپ، تۈكۈرۈك بىلەن لاي قىلىپ، لاينى ھېلىقى ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە سۈرۈپ قويدى


ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى. ئۇ يەردىكى خالايىق ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارغا مۇپتىلا بولغان كېسەللەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە جىن چاپلاشقان، بەزىلىرىنىڭ تۇتقاقلىقى بار ۋە يەنە بەزىلىرى پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ساقايتتى.


كۆرىدىغان كۆزنى، ئاڭلايدىغان قۇلاقنى، پەرۋەردىگار ياراتتى ھەر ئىككىسىنى.


ئاچار پەرۋەردىگار قارىغۇلارنىڭ كۆزىنى، رۇسلار ئېگىلگەنلەرنىڭ قەددىنى. سۆيەر توغرا يولدا ماڭغانلارنى.


سېھىرگەرلەر پىرئەۋنگە: _ بۇ ئىشنى خۇدا قىلدى! _ دېيىشتى. بىراق دەل پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى.


قىش پەسلى بولۇپ، يېرۇسالېمدا مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنى خاتىرىلەيدىغان بايرام ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite