يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، قوينىڭ قوتىنىغا ئىشىكتىن كىرمەي، تېمىغا يامىشىپ كىرگەن كىشى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر. Gade chapit la |
بۇرۇن ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر بولغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار ئادەملەرنى ھالاك قىلىدىغان ساختا تەلىملەرنى ئاراڭلارغا يوشۇرۇن كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىنى تۆلەپ جېنىنى قۇربان قىلغان رەبنىمۇ رەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تېزلا ئۆز بېشىغا ھالاكەت كەلتۈرىدۇ.
مەن ‹پەرۋەردىگار چۈشۈمدە سۆز قىلدى› دەپ يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈپ، خەلقىمنى ئازدۇرغان ساختا پەيغەمبەرلەرگە قارشى تۇرىمەن. ئۇ ساختا پەيغەمبەرلەرنى مەن ئەۋەتمىدىم. مەن ھېچقاچان ئۇلارنى پەيغەمبەرلىككە تەيىنلىگەن ئەمەس. ئۇلار خەلقىمگە ھېچقانداق ياخشىلىق ئەكېلەلمەيدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»