Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، بىر ئادەم خۇدا تەرىپىدىن مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى يەھيا ئىدى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:6
15 Referans Kwoze  

قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، ئەمدى مەن پەرۋەردىگار ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ماڭا يول ھازىرلايدۇ. ئۇ توساتتىن ئۆز ئىبادەتخانىسىغا كېلىدۇ. ئۇ سىلەر تەلمۈرۈۋاتقان ئىگەڭلار شۇدۇر. سىلەر تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان ئەھدە خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچى ئەلچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇ چوقۇم كېلىدۇ!


مەن سىلەرگە: «مەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا كەلگەن يول ھازىرلىغۇچى» دېگەن. بۇنىڭغا سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ گۇۋاھلىق بېرەلەيسىلەر.


مەن ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنىدىم. بىراق، مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكەن خۇدا ماڭا: «سەن خۇدانىڭ روھىنىڭ چۈشۈپ، بىرىنىڭ ئۈستىگە قونىدىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇ، كىشىلەرنى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈلدۈرىدىغان قۇتقۇزغۇچىدۇر!» دېگەنىدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى باشلاشتىن بۇرۇن، يەھيا پەيغەمبەر چىقىپ، ئىسرائىل خەلقىنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلدى.


ساڭا كەلسەك، ئەي بالام، سەنمۇ ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەيغەمبىرى، دەپ ئاتىلىسەن. رەببىمىزنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ھازىرلىغۇچى بولىسەن.


چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا: «مانا، ئالدىڭدا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ سېنىڭ يولۇڭنى ئالدىنئالا تەييارلايدۇ» دەپ يېزىلغان ۋە بۇ يەردىكى «ئەلچىم» دەل يەھيا پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ.


بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا: - ئەي زەكەرىيا، قورقمىغىن! خۇدا دۇئايىڭنى قوبۇل قىلدى. ئايالىڭ ئېلىزابېت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن.


يەھيا پەيغەمبەرگە چۆمۈلدۈرۈش ھوقۇقىنى كىم بەرگەن؟ خۇدامۇ ياكى ئىنسانلارمۇ؟ ئۇلار ئۆزئارا مۇنازىرە قىلىشقا باشلاپ: - ئەگەر «خۇدا بەرگەن» دېسەك، ئۇ: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite