5 نۇر قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدۇ. قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھەرگىز بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس.
لېكىن، قەلبىدە خۇدانىڭ روھى بولمىغان كىشىلەر خۇدانىڭ روھى ئاتا قىلغان بۇ ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىشلار ئۇلارغا بىمەنە تۇيۇلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بۇ ئىشلارنى چۈشىنەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئىشلارنى پەقەت خۇدانىڭ روھىنىڭ ياردىمى ئارقىلىقلا چۈشەنگىلى بولىدۇ.
دۇنيا «كالام» ئارقىلىق يارىتىلغان بولسىمۇ، «كالام» بۇ دۇنياغا كەلگەندە، دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى.
ئۇلار خۇدانى بىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يامان نىيەتلىرىگە قويۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى.
_ ئەي نادانلار، قاچانغىچە نادانلىقتا يۈرىسىلەر؟ ئەي مازاقچىلار، قاچانغىچە مازاق قىلىشتىن ھۇزۇر ئالىسىلەر؟ ئەي ئەقىلسىزلەر، قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلىنىسىلەر؟
يېقىلغان چىراغنى ھېچكىم داس ئاستىغا يوشۇرۇپ قويمايدۇ. ئەكسىچە، چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۆي ئىچىدىكى ئادەملەرگە يورۇقلۇق چۈشىدۇ.
سەن قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا باشلايسەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ!» دېدى.