Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:48 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

48 - مېنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى قەيەردىن بىلدىڭىز؟ - دەپ سورىدى ناتانيەل ھەيران بولۇپ. ھەزرىتى ئەيسا: - فىلىپ سېنى چاقىرىشتىن ئاۋۋال، سېنىڭ ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرغانلىقىڭنى كۆرگەنىدىم، - دەپ جاۋاب بەردى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:48
14 Referans Kwoze  

ئۇلار ئۆتۈنۈشتىن بۇرۇن، مەن جاۋاب بېرىمەن، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، ئۇنى ئىجابەت قىلىمەن.


ئىنسان تەبىئىتى ھەققىدە ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا بىر نەرسە دەپ بېرىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. چۈنكى، ئۇ ئۆزى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە نېمە بار ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.


دۇئا قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، ئەرشتىكى كۆرۈنمەس ئاتاڭلارغا دۇئا قىلىڭلار. سەزدۈرمەستىن قىلىنغان بارلىق ئىشلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئەرشتىكى ئاتاڭلار جەزمەن سىلەرگە ئىنئام بېرىدۇ.


ئىچىدىكى يوشۇرۇن ئوي-پىكىرلىرى ئاشكارىلىنىپ، بۇنىڭ بىلەن «خۇدا ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە ئىكەن» دەپ ئېتىراپ قىلىپ، يەرگە باش قويۇپ خۇداغا سەجدە قىلىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ.


فىلىپ ۋە بارتولوماي، توماس ۋە باجگىر مەتتا، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە تاداي،


فىلىپ بەيتسايدالىق بولۇپ، ئەندەر بىلەن پېترۇسنىڭ يۇرتدىشى ئىدى.


ھەزرىتى ئەيسا بېشىنى كۆتۈرۈپ، زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، فىلىپتىن: - شۇنچە كۆپ ئادەمنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپىمىز؟ - دەپ سورىدى.


فىلىپ جاۋابەن: - ھەممەيلەننىڭ بىر بۇردىدىن نان يېيىشى ئۈچۈن، يېرىم يىللىق كىرىممۇ يەتمەيدۇ! - دېدى.


بۇلار جەلىلىيىنىڭ بەيتسايدا يېزىسىدىن بولغان فىلىپنىڭ يېنىغا كېلىپ: - جانابلىرى، بىز ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشمەكچىدۇق، - دەپ تەلەپ قىلىشتى.


- ئى رەببىم، ئاتىڭىزنى كۆرسىتىپ قويسىڭىزلا، رازى بولاتتۇق، - دېدى فىلىپ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite