4 «كالام» ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، بۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى.
ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: - دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا قالمايدۇ. ئەكسىچە، ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ.
مەن ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار قاراڭغۇلۇقتا قالمىسۇن دەپ، دۇنياغا نۇر بولۇپ كەلدىم.
چۈنكى، ئاتىسى ئۆزى قانداق ھاياتلىق مەنبەسى بولسا، ئوغلىنىمۇ شۇنداق ھاياتلىق مەنبەسى قىلدى.
دۇنيادا بولغان مەزگىلىمدە، دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن.
- ئىنسانلارنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى ۋە ھاياتلىق بەرگۈچى ئۆزۈمدۇرمەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا، - ماڭا ئېتىقاد قىلغان كىشى ئۆلسىمۇ، يەنە ھايات بولىدۇ.
بۇ گۇۋاھلىق شۇكى، خۇدا بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلدى. بۇ ھاياتلىق بىزگە ئۇنىڭ ئوغلى ئارقىلىق كەلدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ.
- نۇرنىڭ ئاراڭلاردا چاقنايدىغان ۋاقتى ئۇزۇن ئەمەستۇر. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ سىلەرنى بېسىۋالماسلىقى ئۈچۈن، نۇر بار ۋاقتىدا داۋاملىق مېڭىڭلار. قاراڭغۇلۇقتا ماڭغان كىشى ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.
چۈنكى، ھەممە نەرسىنى ئاشكارىلايدىغىنى نۇردۇر. شۇڭا، مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئويغان، ئەي ئۇخلاۋاتقان ئىنسان، تىرىل روھىي ئۆلۈمدىن. ئەيسا مەسىھ ساڭا نۇر چاچار!»
قاراڭغۇلۇقتا ياشىغانلار پارلاق بىر نۇرنى كۆرمەكتە. ئۆلۈم كۆلەڭگىسىدە قالغان بۇ ئەلگە بىر نۇر چۈشىدۇ ئەمدى.»
ھاياتىڭلارنىڭ مەنبەسى بولغان ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە شان-شەرەپتە ئايان بولىسىلەر.
مەن ئەمالارنى ئۆزى مېڭىپ باقمىغان، ئۇلار بىلمەيدىغان ناتونۇش يوللارغا باشلايمەن. ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىمەن ھەمدە ئويمان-چوڭقۇرلارنى تۈزلەيمەن. مانا بۇ مەن قىلىدىغان ئىشلار! مەن ئۇلارنى تاشلاپ قويمايمەن.
ئۇلار قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈپ، ھەممىدىن بۇرۇن ئۆلۈمدىن مەڭگۈگە تىرىلدۈرۈلۈپ، ئۆز خەلقى ھەم پۈتكۈل دۇنيا خەلقىگە نىجاتلىق نۇرىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئالدىن ئېيتقانىدى.
ئۇ سېنىڭ كىملىكىڭنى پۈتۈن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بىلدۈرىدىغان نۇردۇر، خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ شان-شەرىپىدۇر!»
بۇ ھاياتلىق بىزگە ئايان بولدى. بىز ئۇنى كۆردۇق. شۇڭا، بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىمىز ھەمدە ئەسلىدە ئەرشتىكى ئاتىمىز بىلەن بىللە بولۇپ، كېيىن بىزگە ئايان بولغان بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى سىلەرگە بايان قىلىمىز.
ئۆلگەنلەرنى ئاتىسى قانداق تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان بولسا، ئوغلىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىدۇ.
«مەنكى ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە بۇ ئىشلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ نوتىسى ھەم ئەۋلادى مەن بولىمەن. پارلاق تاڭ يۇلتۇزى مەن بولىمەن.»
بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز، ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت. دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن، ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد.
ئەمما مېنىڭ نامىمنى ھۆرمەتلىگەن سىلەرگە بولسا ئادالەتنىڭ قۇياشى چىقىپ، شىپالىق نۇرلىرىنى چاچىدۇ. سىلەر يايلاققا قويۇۋېتىلگەن موزايلاردەك شادلىنىپ، سەكرەپ يۈرىسىلەر.
بۇ دۇنياغا خاس تەن توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا: «تۇنجى ئىنسان، يەنى ئادەم~ئاتىغا ھاياتلىق بېرىلدى» دەپ يېزىلغان. ئاخىرقى ئادەم~ئاتا، يەنى ئەيسا مەسىھ بولسا ئۇ دۇنيادا ياشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بەردى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرىشتە ماڭا خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختىد ىن باشلانغان، خرۇستالدەك سۈزۈك ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دەريانى كۆرسەتتى.
مال-مۈلكىگە ئىشىنەر ئۇلار، بايلىقىنىڭ كۆپلۈكىدىن ماختىنار.
ئۇلار دائىم يامانلىق قىلغاچقا، «ھەقىقىي نۇر» دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇ نۇرنى ئەمەس، زۇلمەتنى ياخشى كۆردى. شۇڭا، ئۇلار جازاغا تارتىلىدۇ.
بىز بۇ خېتىمىزدە سىلەرگە ئەزەلدىن بار بولغان ھاياتلىق كالامى توغرىسىدا بايان قىلماقچىمىز. بىز بۇ ھاياتلىق كالامىنى ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلىغان، ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن ۋە كۆزەتكەن ھەمدە ئۇنى ئۆز قوللىرىمىز بىلەن تۇتقان.