36 ئۇ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ: - قاراڭلار! خۇدانىڭ قۇربان قىلىنىدىغان قوزىسى! - دېدى.
ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: - مانا بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھىدىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان خۇدانىڭ قوزىسىدۇر!
كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن، كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم بۇنداق ھاقارەتلىك ئۆلتۈرۈلۈشكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرماقتا.
ئەي، زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلار، ماڭا يۈزلىنىڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا قۇتقۇزۇلىسىلەر! مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.
ئىسھاق: _ ئاتا، _ دەپ چاقىردى. ئىبراھىم: _ ھە، ئوغلۇم؟ _ دېدى. _ ئوت بىلەن ئوتۇن بار، لېكىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان پاقلان قېنى؟ _ دەپ سورىدى ئىسھاق.
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ئىككى شاگىرت ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن مېڭىشتى.