30 مەن سىلەرگە: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۇلۇغدۇر، چۈنكى ئۇ مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى» دېگەنىدىم. مانا بۇ دەل مەن تىلغا ئالغان ئاشۇ كىشىدۇر!
ئۇ مەندىن كېيىن كەلگۈچى بولۇپ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!
يەھيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىپ، خالايىققا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: - مەن سىلەرگە: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۇلۇغدۇر، چۈنكى ئۇ مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت» دېگەنىدىمغۇ. ئۇ دەل مۇشۇ كىشىدۇر!
شۇنىڭ ئۈچۈن، يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - مەن سىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن، مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن. ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ.
مەن سىلەرنى قىلغان توۋاڭلار ئۈچۈن سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن، مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن. ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ.
مەن بۇرۇن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمىسەممۇ، بۇ قۇتقۇزغۇچى ئىسرائىللارغا ئايان بولسۇن دەپ، سىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگىلى كەلدىم.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار: - يەھيا پەيغەمبەر ھېچ مۆجىزە كۆرسەتمىگەن، لېكىن بۇ ئادەم توغرىسىدا ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا چىقتى! - دېيىشتى.