Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: - مەن كىشىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئاراڭلاردا سىلەر تونۇمايدىغان بىرى بار.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:26
14 Referans Kwoze  

چۈنكى، يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى سۇدا چۆمۈلدۈردى، سىلەر بولساڭلار بىرنەچچە كۈن ئىچىدە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر.


شۇنىڭ ئۈچۈن، يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - مەن سىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن، مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن. ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ.


مەن سىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرىدۇ.


مەن سىلەرنى قىلغان توۋاڭلار ئۈچۈن سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن، مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن. ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ.


- ئاتاڭ قەيەردە؟ - دەپ سوراشتى ئۇلار. - سىلەر يا مېنى تونۇمايسىلەر، يا ئاتامنى. مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇيتتۇڭلار، - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.


قاراڭلار، ئەرشتىكى ئاتىمىز بىزگە نەقەدەر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن-ھە! ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى شۇنچىلىك چوڭقۇركى، ئۇ بىزنى «پەرزەنتلىرىم» دەپ ئاتىدى. ھەقىقەتەنمۇ بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىمىز. بىراق، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار ئەرشتىكى ئاتىمىزنى تونۇمىغانلىقتىن، بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزنىمۇ تونۇپ يېتەلمەيدۇ.


شۇ چاغدا، رەببىمىز ئەيسانىڭ: «يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر» دېگىنىنى ئېسىمگە ئالدىم.


ئى ئادىل ئاتا، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سېنى تونۇمايدۇ، ئەمما مەن سېنى تونۇيمەن. شاگىرتلىرىممۇ مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭنى بىلىدۇ.


مەڭگۈلۈك ھايات بولسا ھەقىقىي بىردىنبىر خۇدا - سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتۇر.


ئۇلار بۇلارنى يا ئاتامنى، يا مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ.


گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.


- شۇ چاغدا، يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرگە چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ گۇناھىغا توۋا قىلىپ، خۇداغا يۈزلىنىش نىيىتىنى ئىپادىلىشى كېرەكلىكىنى ھەم ئۆزىدىن كېيىن كەلگۈچىگە، يەنى ھەزرىتى ئەيساغا ئىشىنىشى كېرەكلىكىنى تاپىلىغان، - دېدى پاۋلۇس.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite