22 ئاخىردا، ئۇلار: - ئۇنداقتا، سەن زادى كىم بولىسەن؟ بىزنى ئەۋەتكەنلەرگە ئېيتقۇدەك بىر جاۋاب بەرگىن. ئېيتقىنا. سەن قانداق ئادەمسەن؟ - دەپ سورىدى.
شۇنىڭ بىلەن گاد داۋۇتنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ زېمىنلىرىدا يەتتە يىل ئاچارچىلىق بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا ئۈچ ئاي قېچىپ يۈرەملا؟ ياكى بولمىسا زېمىنلىرىدا ئۈچ كۈن ۋابا تارقالسۇنمۇ؟ ياخشىراق ئويلاپ كۆرسىلە، مېنى ئەۋەتكۈچىگە قايسى جاۋابنى بېرەي؟
ئۇلار ئۇنىڭدىن: - ئۇنداقتا ئۆزۈڭ كىم بولىسەن؟ ئىلياس پەيغەمبەر بولامسەن؟ - دەپ سورىدى. - ياق! مەن ئىلياس پەيغەمبەر ئەمەسمەن، - دېدى ئۇ. - ئەمىسە، مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەرمۇسەن؟ - دەپ سورىدى ئۇلار. يەھيا پەيغەمبەر يەنە: - ياق! - دەپ رەت قىلدى.
يەھيا پەيغەمبەر مۇنداق جاۋاب بەردى: - يەشايا پەيغەمبەر بۇرۇن ئېيتقان، خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى كېلىشتىن ئىلگىرى چۆلدە، «رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تۈز يول تەييار قىلىڭلار» دەپ توۋلايدىغان كىشى مەندۇرمەن!