يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى21 ئۇلار ئۇنىڭدىن: - ئۇنداقتا ئۆزۈڭ كىم بولىسەن؟ ئىلياس پەيغەمبەر بولامسەن؟ - دەپ سورىدى. - ياق! مەن ئىلياس پەيغەمبەر ئەمەسمەن، - دېدى ئۇ. - ئەمىسە، مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەرمۇسەن؟ - دەپ سورىدى ئۇلار. يەھيا پەيغەمبەر يەنە: - ياق! - دەپ رەت قىلدى. Gade chapit la |
ئۇ خۇدا تەرىپىدىن خۇددى ئىلياس پەيغەمبەرگە ئاتا قىلىنغاندەك روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتكە تولغان ھالدا، ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچىدىن ئاۋۋال ئەۋەتىلىپ، ئاتا بىلەن بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېڭىۋاشتىن ئىناقلاشتۇرۇپ، خۇداغا بويسۇنمايدىغانلارنى ئادىللارنىڭ ئاقىلانە يوللىرىغا قايتۇرۇپ، خەلقنى رەببىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەييار قىلىدۇ، - دېدى.