2 ئۇ، ئالەم يارىتىلىشتىن بۇرۇنلا خۇدا بىلەن بىللە ئىدى.
خۇدا ھەممىدىن بۇرۇن پۈتۈن ئالەمنى ياراتتى.
مەن ئۇنىڭ يېنىدىكى ئۇستا ھۈنەرۋەن ئىدىم. ھەر كۈنى مەن ئۇنىڭ خۇشاللىقى ئىدىم، مەنمۇ ھەردائىم ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا شادلىناتتىم.
ھەممىدىن بۇرۇن «كالام» مەۋجۇت ئىدى. ئۇ خۇدا بىلەن بىللە ئىدى ھەم ئۆزى خۇدا ئىدى.
ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى. ھېچقانداق مەۋجۇدات ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس.
ئەگەردە، مەن ‹سېنى تىلىمغا ئالمايمەن، سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆزلىمەيمەن› دېسەم، سېنىڭ سۆزلىرىڭ يۈرىكىمدە ئوتتەك كۆيىدۇ، سۆزلىرىڭ سۆڭەكلىرىمدىكى بىر ئوتقا ئوخشايدۇ. مەن ئۇلارنى سىر ساقلاشقا تىرىشسام چارچاپ كېتىمەن، ئۇنى سۆزلەشكە مەجبۇر بولىمەن.