16 ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى چەكسىز بولغاچقا، ھەممىمىز ھەر دائىم بەخت ئۈستىگە بەختكە ئېرىشىپ كەلدۇق.
خۇدا ئۆزىنىڭ بارلىق مۇكەممەل تەبىئىتىنىڭ ئۇنىڭدا بولۇشىدىن سۆيۈندى
ئېتىقادىمىز بولغاچقا، ئەيسا مەسىھ بىزنى بىز ھازىر بەھرىمەن بولۇۋاتقان بۇ مېھىر-شەپقەتكە ئىگە قىلدى. شۇڭا، بىز خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشىش ئۈمىدىدە شاد-خۇرام بولماقتىمىز.
ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى بولۇپ، بۇ تەن ئۇ تەرىپىدىن تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇقلىغۇچىسىدۇر.
بىر ئادەمنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن ئۆلۈم ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان يەردە، خۇدانىڭ مول مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەققانىي بولۇش سوۋغىتىغا ئېرىشكەن كىشىلەر يەنە بىر ئادەم، يەنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتىدا گۇناھ ۋە ئۆلۈم ئۈستىدىن غەلىبە قىلماسمۇ؟
خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى خۇدانىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆز روھىنى ئۇنىڭغا ئايىماستىن بېرىپ كەلمەكتە.
خۇدائاتىمىز ئۆزىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سىلەرنى تاللىدى، مۇقەددەس روھ سىلەرنى پاك قىلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ قۇربانلىق قېنى بىلەن گۇناھلىرىڭلاردىن يۇيۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!
چۈنكى، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئەقىل-پاراسەت ئېشىپ-تاشقۇچە بولىدۇ. لېكىن، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولمىسا، ئۇنىڭدا بار بولغىنىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ.
بارلىق ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىم ئەيسا مەسىھكە مۇجەسسەملەنگەن.
بىراق سىلەرگە كەلسەك، خۇدانىڭ روھى ھەقىقەتەن قەلبىڭلاردا ياشىغانلىقتىن، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ باشقۇرۇشىدا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرۇۋاتىسىلەر. قەلبىدە مۇقەددەس روھ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ روھى بولمىغان ئادەم ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ ئەمەستۇر.
چۈنكى، مەن سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلار قارشى چىقالمىغۇدەك ۋە رەت قىلالمىغۇدەك سۆز قابىلىيىتى ۋە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن.
بىراق، يەھيا پەيغەمبەر ئۇنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئۇنىماي: - سېنىڭ مېنىڭ ئالدىمغا كەلگىنىڭ نېمىسى! مەن چۆمۈلدۈرۈشنى ئەسلى سەندىن قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدىغۇ؟ - دېدى.
مەن سىلەرنى قىلغان توۋاڭلار ئۈچۈن سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن، مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن. ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ.
ئەي تاغدەك چوڭ توسالغۇ، سەن زىرۇببابەلنىڭ ئالدىدا نېمە ئىدىڭ؟ سەن زىرۇببابەلنىڭ ئالدىدا تۈزلەڭلىكتەك تۈزلىنىپ كېتىسەن. زىرۇببابەل ئىبادەتخانىغا ئەڭ ئاخىرقى تاشنى قويغاندا، خەلق: ‹خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى مۇشۇ ئىبادەتخانىغا يار بولغاي!› دەپ چۇقان سېلىشىدۇ.»
ئەيسا مەسىھنىڭ روھى ئۇلارنىڭ قەلبىدە بولۇپ، بۇ روھ ئۇلارغا خۇدا ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە ئۇنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەككەندىن كېيىن ئېرىشىدىغان شان-شەرىپى توغرىسىدا ئالدىنئالا مەلۇمات بەرگەن. ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ قاچان ۋە قانداق يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەنگەن.
تەۋرات قانۇنىنىڭ بېرىلىشى كىشىلەرگە ئۆز گۇناھىنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى ئوچۇق كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. لېكىن، قەيەردە گۇناھ كۆپ بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ شۇ يەردە ھەسسىلەپ ئاشتى.
ماڭغانسېرى ئۇلار قۇۋۋەت ئۈستىگە قۇۋۋەت تاپار، سىئونغا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولار.