8 ئۇلارنىڭ تىللىرى زەربىلىك ئوقيالارغا ئوخشايدۇ، ئۇلار ھەمىشە يالغان سۆزلەيدۇ. قوشنىلىرىغا دوستانە سۆزلەرنى دەيدۇ-يۇ، ئەمما قەلبىدە قىلتاق قويۇشنى ئويلايدۇ.
يامانلىق قىلغۇچىلار، رەزىللەر قاتارىغا، چۈشۈرۈپ قويمىغىن مېنى ئەسلا، دوستانە بولسىمۇ ئۇلار قوشنىلىرىغا، يامانلىق ئويلار دىللىرىدا.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ تىللىرى خۇددى ئوقيادەك ئەجەللىكتۇر. يالغانچىلىق ۋە سەمىمىيەتسىزلىك بۇ زېمىننى قاپلىغان. ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن يامان ئىش قىلىدۇ، مېنى تونۇمايدۇ.
ئەي يالغانچى تىل! قانداق ئۇرار سېنى خۇدا؟ بېرەر ساڭا قانداق جازا؟
مەن ياتارمەن ئارىسىدا شىرلارنىڭ، ئادەم گۆشى يەيدىغان ئاچ كۆزلەرنىڭ. تىللىرى خۇددى ئۆتكۈر قىلىچ بولسا، نەيزە ۋە ئوقلار كەبى چىشلىرى ئۇلارنىڭ.
سېرىق مايدىن سىلىقتۇر ئاغزى، بىراق شۇملۇققا تولغاندۇر دىلى. شىكەر-شەربەتتەك سۆزلەر تىلى، لېكىن ئىتتىك شەمشەردەك خەتەرلىكتۇر ئېيتقانلىرى.
يالغان سۆزلەر ئادەملەر بىر-بىرىگە، ئاغزى سىلىق بولسىمۇ راستچىللىق يوق قەلبىدە.
ئابنېر ھىبرونغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىنگەندە، يوئاب ئۇنى ئايرىم سۆزلىشەيلى دەپ، شەھەر سېپىلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، ئىنىسى ئاسائېلنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قورسىقىغا خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈردى.
ئۇلار بىر-بىرىنى ئالدايدۇ ۋە ھېچكىم راست گەپ قىلمايدۇ، بۇ ئادەملەر ئېغىزلىرىنى يالغان سۆزلەشكە ئۆگىتىدۇ. ئۇلار گۇناھ قىلىدۇ ۋە ئۇنى توختىتىشقا قۇربى يەتمەيدۇ.
مېنىڭ خەلقىم ئارىسىدىن رەزىل كىشىلەر چىقتى. ئۇلار قۇش ئوۋلىغۇچىلاردەك مۆكۈنۈپ ياتىدۇ. ئۇلار تۇزاقلارنى قۇرۇپ ئادەملەرنى تۇتىدۇ.
تىللىرىدىن ئىلىنىپ گۇمران بۇلار، ئۇلارنى كۆرگەنلەر مەسخىرە قىلار.
شۈبھىسىزكى، ئېلىپ قويماس ئۇلار ئىناقلىقنى ئېغىزلىرىغا، بەلكى تۈزەر شۇم پىلانلار تىنچ-خاتىرجەم ياشايدىغانلارغا.
يېقىنىغا قارشى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈچى، گويا توقماق، قىلىچ ۋە ئۆتكۈر ئوقتا زەربە بەرگەن كەبى.
ھەممە ئادەم دوست-بۇرادەرلىرىدىن پەخەس بولسۇن. ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغىمۇ ئىشەنمىسۇن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنى ئالداشنىڭ كويىدا ھەمدە دوستلارمۇ ئۆزئارا تۆھمەت قىلىشىدۇ.
شەھەردىكى بايلار زوراۋانلىق، ئاھالىلەر يالغانچىلىق قىلماقتا، ئۇلارنىڭ تىلى ھىيلىگە تولغاندۇر.
دەيدۇ ئۇلار: «تىلىمىز بىلەن غالىب كېلىمىز، ئۆزىمىزنىڭكىدۇر ئاغزىمىز، كىممۇ بولالايتتى خوجىمىز؟!» پەرۋەردىگار ئېتىۋەتكەي خۇشامەتچىلەرنىڭ ئېغىزلىرىنى، كېسىۋەتكەي ھەم پوچىلارنىڭ تىللىرىنى.
پەقەت خۇدادىنلا ئارام تاپ ئەي جېنىم، چۈنكى ئۇنىڭدىدۇر مېنىڭ بارلىق ئۈمىدىم.
ئۇلارنى ئاشۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالىماي قانداق تۇرالاي؟ ماڭا قارشى تۇرغان بۇنداق خەلقتىن قىساس ئالماي قانداق تۇرالاي؟