Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 9:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 ماختىنىشقا توغرا كەلسە، مەن پەرۋەردىگارنى تونۇغانلىقى ۋە مېنى چۈشىنىدىغانلىقى بىلەن ماختانسۇن. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك مۇھەببەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىم بىلەن ماختانسۇن. مەن ھەم ئاشۇنداق ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەردىن خۇرسەن بولىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 9:24
33 Referans Kwoze  

مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك، «ماختىنىدىغانلار رەببىمىز بىلەن ماختانسۇن.»


ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، رەببىمىز ئەيسانىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمىدىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن ماختانمايمەن. چۈنكى، ئۇنىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمى سەۋەبىدىن بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن ئۆلگەندۇر، مەنمۇ بۇ دۇنيا ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇقەددەس يازمىلاردا: «ماختىنىدىغانلار رەببىمىز بىلەن ماختانسۇن» دەپ يېزىلغان.


ياق، ئەي ئىنسان، نېمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى پەرۋەردىگار ساڭا بىلدۈردى. پەرۋەردىگارنىڭ سەندىن كۈتىدىغىنى نېمە؟ ئۇ سېنىڭ ئادىل، رەھىمدىل بولۇشۇڭنى ۋە ئۆزىنىڭ يولىدا كەمتەرلىك بىلەن مېڭىشىڭنى كۈتىدۇ.


قايسى ئىلاھ ساڭا ئوخشاش كەچۈرۈمچان؟! قايسى خۇدا ساڭا ئوخشاش سۈرگۈندىن ھايات قالغان ئۆز خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەن؟ سېنىڭ غەزىپىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر، چۈنكى سەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتىن خۇرسەن بولىسەن.


ھەر دائىم پەخىرلىنىپ تەرىپلەيمىز سېنى، ئى خۇدا ئەبەدىي مەدھىيەلەيمىز نامىڭنى. سېلاھ


يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي خۇدانى تونۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. بىز ھەقىقىي خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلانغانمىز. ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي خۇدادۇر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر!


مەڭگۈلۈك ھايات بولسا ھەقىقىي بىردىنبىر خۇدا - سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتۇر.


رەھىمىڭنى ئىلتىپات ئەيلىگەيسەن، ئى خۇدا، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بار سەندە. كەچۈرگەيسەن مېنىڭ قىلغان گۇناھىمنى، چەكسىز رەھىمدىللىك خىسلىتىڭدە.


دەيدۇكى پەرۋەردىگار: «مېنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى قۇتقۇزىمەن. مېنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن قوغدايمەن.


سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى قىلىشىنى ياخشى كۆرەمدۇ ياكى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنىمۇ؟ بىلگىنكى، ئىتائەت قىلىش قۇربانلىق قىلىشتىن ياخشىدۇر. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش قوچقارنىڭ مېيىنى كۆيدۈرۈپ ھەدىيە قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر.


چۈنكى، دۇنيانى ياراتقاندا «نۇر قاراڭغۇلۇقتىن چاقنىسۇن» دەپ ئەمر قىلغان خۇدا بىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئايان قىلغان ئۇلۇغلۇقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن، خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتتى.


سىلەر ئۇلارنى سورۇۋېتىسىلەر، شامال ئۇلارنى ئېلىپ كېتىدۇ، بوران ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەن پەرۋەردىگاردىن خۇرسەن بولىسىلەر. سىلەر مېنى ‹ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا› دەپ پەخىرلىنىسىلەر.


بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن بولغان يېڭى مۇناسىۋىتىمىزدىمۇ شاد-خۇرام بولىمىز.


مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلغاندا، سەمىمىيلىك، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن قىلىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، باشقا ئەللەرمۇ ئالدىمغا كېلىپ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇلار مەندىن پەخىرلىنىدۇ.»


«چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئادالەتنى ياخشى كۆرىمەن، بۇلاڭچىلىقنى ۋە رەزىللىكنى ئۆچ كۆرىمەن، مەن ساداقەتلىك بىلەن خەلقىمگە جاۋاب قايتۇرىمەن، مەن خەلقىم بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن.


ئى ئادالەت سۆيگۈچى قۇدرەتلىك شاھىمىز _ خۇدا، ئادىللىقنى ئورناتقانتىڭ ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئارىسىغا، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئەمەلگە ئاشقانىدى ئۇلاردا.


ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە: - ئاتام ھەممىنى ماڭا ئاتا قىلدى. مېنىڭ كىملىكىمنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاتامنىڭ كىملىكىنىمۇ مەن ۋە مەن ئۆزۈم ئاشكارىلاشنى خالايدىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، - دېدى.


ئاتام ھەممىنى ماڭا تەقدىم قىلدى. مېنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم ھەقىقىي تونۇمايدۇ. ئاتامنىمۇ مەن ۋە مەن ئۆزۈم ئاشكارىلاشنى خالايدىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ھەقىقىي تونۇمايدۇ.


خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەقىقىي خەتنە قىلىنغانلار ئۇلار ئەمەس، بەلكى بىزلەر. چۈنكى، بىز مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن ماختىنىمىز. بىز قىلچىمۇ خەتنىگە ۋە ئۆزىمىز سىڭدۈرگەن ئەجىرگە تايانمايمىز.


پۈتكۈل ئىسرائىل ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەنلا غەلىبە قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنى ماختايدۇ.


بەزىلەر ئىشىنەر جەڭ ھارۋىلىرىغا، بەزىلىرى ئاتلىرىغا، ئەمما بىز ئىشىنىمىز پەرۋەردىگارىمىزغا.


چىن دىلىمدىن ئاپىرىن ئوقۇيمەن پەرۋەردىگارغا، ئاڭلاپ بۇنى ئاجىزلار چۆمۈلەر خۇشاللىققا.


ئېفىيوپىيەگە ئۈمىد باغلىغان ۋە مىسىرنى چوڭ بىلىپ ئۇنىڭغا تايانغانلار بۇنى كۆرۈپ قورقىدۇ ۋە خىجىل بولىدۇ.


ئۇ نامرات ۋە موھتاجلارنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن، بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغان. ئۇنىڭ ئادالەتلىك ئىشلارنى قىلغانلىقى، مېنى تونۇغانلىق ئەمەسمۇ؟


مەدھىيەلەيلى بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈكلۈكىنى، ئۇلۇغلايلى ھەممىمىز ئۇنىڭ نامىنى.


بىراق سەن ھازىر بىزنى تەرك ئېتىپ، قالدۇردۇڭ ئاھانەتكە، چىقمايسەن ھەتتا قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىرگە جەڭگە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite