يەرەمىيا 9:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى23 پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «دانا كىشىلەر ئۆز دانالىقى ھەققىدە ماختانمىسۇن. كۈچلۈك ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ كۈچتۈڭگۈرلۈكى ھەققىدە ماختانمىسۇن. بايلار ئۆز بايلىقلىرى ھەققىدە ماختانمىسۇن. Gade chapit la |
مەن يەنە قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا مۇسابىقىدە تېز يۈگۈرسىلا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى، جەڭدە باتۇر بولسىلا غەلىبە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، دانا بولسىلا يېمەكلىككە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى، چېچەن بولسىلا باي بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بىلىملىك بولسىلا قەدىرلىك بولمايدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە پۇرسەت ۋە شارائىتمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندىم.
ھازىر سىلەر بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار، ناغرا قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان مەن تىكلىگەن ھەيكەلگە سەجدە قىلساڭلار، سىلەرنى كەچۈرىمەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، سىلەر ھازىرلا لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلىنىسىلەر. شۇ چاغدا قايسى خۇدا سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالايدىكىن قېنى؟ _ دېدى.
مەن قەتئىي شۇنداق قارايمەنكى، رەببىم ئەيسا مەسىھنى تونۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ئالدىدا ھەرقانداق ئىش قەدىرسىزدۇر. ئەيسا مەسىھنى تونۇپ يېتىشىم ۋە ئۇنىڭغا زىچ باغلىنىشىم ئۈچۈن، ھەممىنى تاشلىۋەتتىم ھەمدە ئۇلارنى ئەخلەت، دەپ قارايمەن. ئەمدى مېنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق بولدى. چۈنكى بۇ ھەققانىيلىق ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن كەلدى.
كىشىلەرنىڭ ئەمدى قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ‹پەرۋەردىگارنى بىلىۋېلىڭلار› دەپ تەلىم بېرىشى ھاجەتسىز. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇلار مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسى مېنى تونۇيدۇ! مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈۋېتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى كۆڭلۈمدە قايتا ساقلىمايمەن.»