16 مەن ئۇلارنى ھەتتا ئاتا-بوۋىلىرىمۇ بىلمەيدىغان ئەللەر ئارىسىغا چېچىۋېتىپ، تاكى ئۇلار ھالاك بولغۇچە دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىپ قوغلىتىمەن.›»
سەندىكى خەلقنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ۋابا ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلتۈرىمەن، ئىككىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى شەھەر سىرتىدا قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىمەن، قالغان ئۈچتىن بىر قىسمىنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن ھەم قىلىچىمنى كۆتۈرۈپ ئارقىسىدىن قوغلايمەن.
شەھەرنى قورشاش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، چېچىڭنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى كېسەككە ئويۇلغان شەھەردە كۆيدۈر. ئىككىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئويۇلغان شەھەرنىڭ سىرتىدا خەنجەر بىلەن توغرا. ئۈچىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى شامالدا ئۇچۇرۇۋەت. چۈنكى مەن قىلىچىمنى سۇغۇرۇپ، خەلقىمنى كەينىدىن قوغلايمەن.
پەرۋەردىگار سىلەرنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى يات خەلقلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىۋېتىدۇ. سىلەر ئۇ يەردە ئەجدادلىرىڭلارمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ياغاچ، تاش بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر.
مەن قىلىچىمنى يالىڭاچلاپ، ئارقاڭلاردىن قوغلايمەن، سىلەرنى باشقا ئەللەرگە چېچىۋېتىمەن. زېمىنىڭلار چۆللۈككە، شەھەرلىرىڭلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.
مەن سىلەرنى كۆزىتىمەن، بېشىڭلارغا بەخت ئەمەس، بەلكى ئاپەت چۈشۈرىمەن. مىسىردا ياشاۋاتقان يەھۇدىيە خەلقى ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ تۈگەيدۇ.
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دېدى: «مانا بۇ، سىلەرنى قۇملۇقتىكى شامال پاخالنى چېچىۋەتكەندەك چېچىۋېتىشىمنىڭ سەۋەبىدۇر.
خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى ياقۇپتىن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا تارقالغان، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىدىغان يەھۇدىيلارغا سالام.
مەن ئۇلارنى خۇددى بوران ئۇچۇرۇۋەتكەندەك، يات ئەللەرگە ئۇچۇرۇۋەتتىم. ئۇلارنىڭ زېمىنى قاقاسلىققا ئايلىنىپ، ھېچكىم ئۇ يەرگە ئاياغ باسمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار باياشات زېمىنىنى چۆللۈككە ئايلاندۇردى.»
ئۇلار چۆلدىكى ۋاقتىدا، مەن ئۇلارنى ياقا يۇرتلارغا تارقىتىۋېتىمەن، يات ئەللەرگە چېچىۋېتىمەن، دەپ قەسەم قىلدىم.
ئەگەر مەن ئۇ يەرگە دۈشمەن ئەۋەتىپ، قىلىچىم ئارقىلىق ئادەم ۋە ھايۋانلارنىمۇ ھالاك قىلسام،
ئۇلارنى باشقا ئەللەرگە سۈرگۈن قىلىپ، يات خەلقلەر ئارىسىغا چېچىۋېتىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: ‹مەن سىلەرنى تارقىلىپ كەتكەن ھەرقايسى ئەللەر ۋە جايلاردىن يىغىپ ئەكېلىمەن ۋە سىلەرگە ئىسرائىلىيە زېمىنىنى قايتۇرۇپ بېرىمەن.›»
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئۇلارغا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلارنى خۇددى سېسىپ، يېگىلى بولمايدىغان ئەنجۈرگە ئوخشاش قىلىپ قويىمەن.
ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئۇلارغا ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شارابتىن سىلەر تاكى مەست بولۇپ ياندۇرغۇچە ئىچىڭلار. سىلەر تاكى يىقىلىپ چۈشۈپ ئورنۇڭلاردىن تۇرالمىغانغا قەدەر ئىچىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە ئۇرۇش ئاچىمەن.›»
مەن ئۇلارغا ۋە ئەجدادلىرىغا بەرگەن زېمىندا تاكى ئۇلار تەلتۆكۈس يوقىتىلغۇچە، ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىمەن.»
ئەۋلادلىرىنى يات ئەللەردە ۋەيران قىلىپ، ياقا يۇرت، يىراقلارغا تارقىتىمەن.»
سەن مۇسا پەيغەمبەرگە ئېيتقان سۆزلىرىڭنى يادىڭدا تۇتقايسەن، سەن: ‹سىلەر ئىسرائىللار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلساڭلار، سىلەرنى يات ئەللەر ئارىسىغا چېچىۋېتىمەن،
مەن ئۇلارنى يوقىتاتتىم، ئۇلارنى ئالەم ئۇنتۇپ كېتەتتى.
پەرۋەردىگار سىلەرنى ۋە پادىشاھىڭلارنى سىلەر ۋە ئەجدادىڭلار نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئەلگە سۈرگۈن قىلىدۇ. سىلەر ئۇ يەردە ياغاچ، تاش بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر.
ئۇ سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سىلەر دۈشمىنىڭلارغا بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلار جېنىڭلارنى تەرەپ-تەرەپكە ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىسىلەر. تەقدىرىڭلاردىن ئالەمدىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈيدۇ.
پەرۋەردىگار سىلەرنى باشقا ئەللەرگە تارقىتىۋېتىدۇ. ئۇ ئەللەردە پەقەت بىر قىسمىڭلارلا ئامان قالىسىلەر.
قەدىرلىك خەلقىمنىڭ بۇ زېمىننىڭ ھەممە يەرلىرىدە يىغلاۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: «سىئوندا ئەمدى پەرۋەردىگار يوقمۇ؟ سىئوننىڭ پادىشاھى ئەمدى بۇ يەردە تۇرمامدۇ؟» دەپ يىغلايدۇ. پەرۋەردىگار: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۇلار يات ئەللەرنىڭ ئەرزىمەس بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغايدۇ؟» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
ئۇ چاغدا ئېگىزدىن قورقىسەن، يول ماڭساڭ ئالاقزادە بولىسەن، چاچلىرىڭ بادام چېچىكىدەك ئاقىرىدۇ، كۈچۈڭ خوراپ، ھەۋەسلىرىڭ يوقىلىدۇ. ئۇ چاغدا مەڭگۈلۈك ماكانىڭغا قايتىسەن، ھازا تۇتقانلار كوچىدا ئارقاڭدىن كېلىدۇ.
شۇڭا ئەي يېرۇسالېملىقلار، ماتەم تۇتۇپ، چاچلىرىڭلارنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار! تاقىر تاغلارغا چىقىپ ماتەم ناخشىسىنى ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار غەزەپلىنىپ، بۇ ئەۋلاد كىشىلەرنى رەت قىلدى ۋە ئۇلارنى تاشلىۋەتتى» دېگىن.
_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن تىر شەھىرى ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇ.
ئىگىمىز، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ھەربىر شەھەر مەيدانلىرىدىن نالە-پەرياد، ھەربىر كوچىدىن يىغا-زار كۆتۈرۈلىدۇ. دېھقانلار ھازا تۇتۇشقا، مەرسىيەچىلەر يىغلاشقا چاقىرتىلىدۇ.
ئۇ كۈن كەلگەندە، يات خەلقلەر سىلەرنى زاڭلىق قىلىپ: ‹بىز تۈگەشتۇق، پەرۋەردىگار زېمىنىمىزنى باشقىلارغا بېرىۋەتتى. مۈلكىمىزنى ئېلىپ كەتتى، بىزگە خائىنلىق قىلغانلارغا يەرلىرىمىزنى ئېلىپ بەردى.› دەپ مەسخىرە ناخشىسى ئوقۇشىدۇ.»