يەرەمىيا 9:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 ئەكسىچە جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ، بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنۇشتى. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكەن. Gade chapit la |
بىز قىلىمىز دەپ قەسەم قىلغان ھەممە ئىشلارنى جەزمەن قىلىمىز. يەھۇدىيە شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا خۇددى ئەجدادلىرىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە ئەمەلدارلىرىمىز بۇرۇن قىلغانغا ئوخشاش، ئۆزىمىزنىڭ ئىلاھى، يەنى «جەننەت خانىشى»غا چوقۇم قۇربانلىق كۆيدۈرىمىز ھەمدە ئۇنىڭغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنىمىز. چۈنكى شۇنداق قىلغان كۈنلەردە يېمەكلىكلىرىمىز مول بولۇپ، گۈللەندۇق ۋە ھېچقانداق بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىمىدۇق.
سىلەر: ‹بىز ئۆزىمىزنى بۇلغىمىدۇق! بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنمىدۇق!› دېدىڭلار. ئەمما قانداقمۇ شۇنداق دېيەلەيسىلەر؟ بەنھىننوم جىلغىسىدا ئۆتكۈزگەن قىلمىشىڭلارغا قاراڭلار! ئۆزۈڭلار ئۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ئېغىر گۇناھلىرىڭلار ئۈستىدە ئويلىنىڭلار! سىلەر خۇددى چىشى تۆگە كۈيلەش مەزگىلىدە جۈپ ئىزدىگەندەك، بۇتلارنى ئىزدەپ يۈرىسىلەر.
كىشىلەر دەيدۇ: «بىز نېمىشقا بۇ يەردە ئولتۇرىمىز؟ مۇستەھكەم شەھەرلەرگە بېرىپ، توپلىنايلى. ئەگەر بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزنى ئۆلۈشكە بۇيرۇغان تەقدىردىمۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۇ يەردە ئۇرۇش قىلىپ ئۆلەيلى. پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە زەھەر بىلەن تولغان قەدەھنى ئىچىشكە بەردى.