Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 9:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمنى بىر خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەرنى چىلبۆرىلەر ماكان قىلىدۇ. مەن يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىمەن، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ياشىيالمايدۇ.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 9:11
32 Referans Kwoze  

سەن دۈشمەننىڭ شەھەرلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردۇڭ، مۇستەھكەم شەھەرلەر كېسەك پارچىلىرىغا ئايلاندى، يات ئەللەرنىڭ ئوردىلىرى ئەمدى مەڭگۈ قەد كۆتۈرەلمەيدۇ.


بابىل خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىپ، چىلبۆرىلەر ئۇ يەرنى ماكان تۇتىدۇ. ئۇ قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ.


ئاڭلاڭلار! شەپە كېلىۋاتىدۇ. شىمالدىكى زېمىندىن كۈچلۈك بىر قوشۇننىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار كېلىپ يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ. بۇ زېمىنلار پەقەتلا چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.»


ئوردىلارنى تىكەن بېسىپ كېتىدۇ. قورغانلارنى چاققاق ۋە ئازغان قاپلاپ كېتىدۇ. بۇ خارابىلىكلەر چىلبۆرىلەر ۋە مۆشۈكياپىلاقلارنىڭ ماكانى بولىدۇ.


بابىلنىڭ قورغانلىرى ياۋا ئىتلار ھۇۋلىشپ يۈرىدىغان ماكان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوردىلىرى چىلبۆرىلەرنىڭ يايرايدىغان ماكانى بولىدۇ. بابىلنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالدى، ئۇنىڭغا ئەمدى ئۇزۇن ۋاقىت بېرىلمەيدۇ.


شۇڭا سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ.


چۈشتۇق بىز قورقۇنچقا، يۈزلەندۇق تۇزاق، ھالاكەت ۋە يوقىلىشقا.»


ئىگىمىز رەھىمسىزلىك بىلەن ۋەيران قىلىپ ياقۇپنىڭ تۇرالغۇلىرىنى، غەزەپ بىلەن تۈزلەپ تاشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ قەلئەلىرىنى، ئاياغ ئاستى قىلىپ، خورلىدى يەھۇدىيە پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ يولباشچىلىرىنى.


مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، بابىل قوشۇنلىرىنى بۇ شەھەرگە قايتىدىن چاقىرىپ كېلىمەن. ئۇلار بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، شەھەرنى بېسىۋېلىپ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. مەن يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرىنى ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن.»


_ پادىشاھ خىزكىيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا، موراشىتلىك مىكاھ يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلققە ۋەھىي يەتكۈزۈپ: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ›» دېگەنىدى.


پۈتۈن زېمىن تاشلىنىپ قالغان بىر قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ ۋە بۇ يەردىكى خەلقلەر بابىل پادىشاھىغا يەتمىش يىل قۇل بولىدۇ.


ئى خۇدا، يات ئەللەر بېسىپ كىردى زېمىنىڭغا، ئۇلار بۇلغاپ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى، خارابىگە ئايلاندۇردى يېرۇسالېمنى.


چۈنكى سىلەر پادىشاھ ئومرىنىڭ ناچار ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئوغلى ئاخابنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىغا شېرىك بولدۇڭلار. ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭدىڭلار. شۇڭا مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن. ئاھالىلەرنى مەسخىرىگە قويىمەن، سىلەر باشقا ئەللەرنىڭ خورلۇقىغا ئۇچرايسىلەر.»


شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەرۋەردىگار سامارىيە شەھىرىنى ۋەيران قىلىمەن، شەھەر ئورنىغا ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىنىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ تاشلىرىنى جىلغىغا غۇلىتىمەن، شەھەردىكى ئۆيلەرنىڭ ئۇللىرى ئېچىلىپ قالىدۇ.


سەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن، بۇ ئىبادەتخانا خۇددى شىلو شەھىرىگە ئوخشاش گۇمران بولىدۇ، بۇ شەھەر ھېچكىم ياشىيالمىغۇدەك دەرىجىدە ۋەيران قىلىنىپ خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، دەپ بېشارەت بېرىشكە قانداق جۈرئەت قىلدىڭ؟! _ دېدى ۋە ئەتراپىدىكى ھەممە كىشىلەر ئۇنى قورشىۋالدى.


مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىغا باردىم. ئۇلارنىڭ پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى بۇ غەزەپ شارابىدىن ئىچتى. شۇ كۈندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر، ئۇلار پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئادەملەرنى چۆچۈتىدىغان ھالغا كېلىپ قالدى ھەم مەسخىرە نىشانىغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى.


ئەمما مەن ئۆز پەيغەمبەرلىرىمنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. مەن ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق يېرۇسالېم توغرىسىدا مۇنداق دېدىم: ‹ھامان بىر كۈنى يېرۇسالېمدا خەلقىم ياشايدۇ.› يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرى توغرىسىدا پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق مۇنداق دېدىم: ‹ئۇلار ھامان بىر كۈنى بۇ خارابىلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ.›


ئۇ ھەمراھلىرى ۋە سامارىيە قوشۇنلىرى ئالدىدا: _ بۇ ئاجىز يەھۇدىيلار نېمە قىلالايدىكەن، ئۇلار بۇ سېپىلنى قايتىدىن ياسىماقچىمىكەن؟ ئۇلار قۇربانلىق قىلساقلا، بۇ ئىشنى بىر كۈندىلا پۈتتۈرەلەيمىز، دەپ ئويلامدىغاندۇ؟ خارابلىقتىكى كۈل ۋە داشقالغا ئايلانغان تاشلارنى قايتىدىن ئىشلىتەمدىكەن؟ _ دېدى.


پەرىشتە جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن مۇنداق ۋارقىرىدى: «گۇمران بولدى، كاتتا شەھەر بابىل گۇمران بولدى! ئەمدى ئۇ جىنلارنىڭ ماكانى، ھەر خىل يامان روھلارنىڭ ئۇۋىسى، ھەر خىل ئىپلاس ۋە يىرگىنچلىك قۇشلارنىڭ چاڭگىسىدۇر.


مەن سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنى شۇنداق قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەنكى، ئۇنى ئىگىلىگەن دۈشمىنىڭلارمۇ چۆچۈپ كېتىدۇ.


ئاڭلا! مەن پەرۋەردىگار دەيمەنكى، شىمالدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ قوشۇنلىرىنى چاقىرىۋاتىمەن. ئۇلار يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەختلىرىنى شەھەر دەرۋازىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىغا ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا ھەممە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «پۈتۈن زېمىن خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ مەن ئۇنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن.


«مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيمەن: سىلەر مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا بارلىق شەھەرلىرىگە ئېلىپ كەلگەن ھەممە بالايىئاپەتلەرنى كۆردۈڭلار. بۇ شەھەرلەر تاكى بۈگۈنگىچە ئادەمزاتسىز خارابىلىكتە تۇرماقتا.


خازور زېمىنلىرى چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانى بولىدۇ، چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ. ئۇ زېمىنلاردا ئادەم ياشىمايدۇ، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ماكانلاشمايدۇ.»


شىمالدىن كەلگەن بىر ئەل بابىلغا ھۇجۇم قىلىپ، بابىل زېمىنىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلار قېچىپ كېتىدۇ، بۇ يەردە ھېچكىم قالمايدۇ.»


ھېچكىم كېلىپ ھېيت ئۆتكۈزمىگەچكە، ماتەم تۇتماقتا سىئون يوللىرى، چۆلدەرەپ قالغان شەھەر دەرۋازىلىرى، ھەسرەت چېكەر روھانىيلىرى. قايغۇغا پاتقان سىئون قىزلىرى، ئازابقا تولغان ھەم قەلبلىرى.


پۈتۈن زېمىن كۆيۈپ، تۇپراقلىرىنى گۈڭگۈرت ۋە تۇز قاپلاپ كېتىدۇ. ھېچكىم تېرىقچىلىق قىلالمايدۇ، سالغان ئۇرۇقى بىخلىمايدۇ، يەردىن ھېچنېمە ئۈنمەيدۇ. بۇ زېمىن پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بىلەن ۋەيران بولغان سودوم، گومورا، ئادماھ ۋە زىبويىم شەھەرلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ.


كۆڭۈل قويسۇن بۇ ئىشلارغا ئەقلى بارلار، خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى چۈشەنسۇن ئۇلار.


گىلئادتا شىپالىق مەلھەم يوقمۇ؟ ئۇ يەردە تېۋىپ يوقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن خەلقىم تېخىچە ساقايمايدۇ.


سەن كىشىلەرگە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەرگىنىڭدە، ئۇلار سەندىن سورايدۇ: «نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار بىزنى بۇ بالايىئاپەتلەر بىلەن ئاگاھلاندۇرىدۇ؟ بىز نېمىنى خاتا قىلدۇق؟ بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا قارشى قانداق گۇناھ ئۆتكۈزدۇق؟»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite