8 سىلەر قانداقمۇ: ‹بىز ئەقىللىق! بىزدە پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرى بار› دەپ ئېيتالايسىلەر؟ ئۇستازلىرىڭلار بۇلارنى ئۆز قەلەملىرى بىلەن ئۆزگەرتىپ، يالغاننى يازدى.
- كور بولغان بولساڭلار، گۇناھكار بولمىغان بولاتتىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - لېكىن ھازىر، «كۆرۈۋاتىمىز» دېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن گۇناھكارسىلەر.
گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەقىللىق ھېسابلىسىمۇ، لېكىن ئەقىلسىز بولۇپ چىقتى.
ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى قالمايدۇ» دەيسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، ئەنئەنەڭلارنى دەپ، خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىسىلەر.
پەرۋەردىگارنىڭ كالامىنى يەتكۈزەر ياقۇپنىڭ نەسلىگە، پەرمان ھەم پەرزلىرىنى ئايان قىلار ئىسرائىل خەلقىگە.
ئۇ ئاقىللارنى تىلىدىن قالدۇرۇپ، ئاقساقاللارنى بىلىمىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
مەن ئۇلارغا شۇنچە كۆپ قانۇنلارنى بەلگىلىدىم، لېكىن ئۇلار بۇ قانۇنلارنى غەلىتە ھېس قىلىپ، رەت قىلدى.
تاجىدۇر نەۋرىلەر مويسىپىتلارنىڭ، پەخرىدۇر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ.
ياۋايى ئېشەك ئادەم تۇغسا، نادان داناغا ئايلىنىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «خەلقىم ھاماقەت، ئۇلار مېنى تونۇمايدۇ. ئۇلار ئەخمەق، ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار رەزىل ئىش قىلىشنىڭ پىرلىرىدۇر ئۇلار ياخشىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ.»
شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئادەملەر: _ كېلىڭلار، يەرەمىياغا سۇيىقەست قىلايلى! بىزگە تەلىم بېرىدىغان روھانىيلىرىمىز، مەسلىھەت بېرىدىغان دانالىرىمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزىدىغان پەيغەمبەرلىرىمىز يەنە چىقىدۇ. بىز يەرەمىيانىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلايلى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايلى، _ دېيىشتى.
مەن مۇشۇ جايدا، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مەقسەتلىرىنى بۇزۇۋېتىمەن. سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ئۇلار سىلەرنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن جەسىتىڭلارنى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم قىلىپ بېرىمەن.
ئەي ئىسرائىللار، سىلەرنىڭ دەسلەپكى ئەجدادىڭلار گۇناھكار بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، سىلەرنىڭ يېتەكچىلىرىڭلارمۇ ئاسىيلىق قىلىپ كەلدى.
روھانىيلار ماڭا ئىنتىلمىدى، قانۇنلىرىمنى ئۆگىتىدىغانلار مېنى ھەقىقىي تونۇمىدى، يېتەكچىلەر ماڭا قارشى چىقتى. ساختا پەيغەمبەرلەر بۇت بائالنىڭ نامىدىن ۋەھىي يەتكۈزۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچە ياردەم بېرەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇندى.
ئەي موئاب خەلقى، ئۆزۈڭلارنى قانداقمۇ ‹بىز قەھرىمان، يېڭىلمەس جەڭچىمىز› دېيەلەيسىلەر؟