يەرەمىيا 8:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 ھەتتا لەيلەك قۇشلىرىمۇ قاچان كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، پاختەكلەر، قارلىغاچلار ۋە تۇرنىلارنىڭ ھەممىسى كۆچىدىغان ۋاقتىنىڭ قاچانلىقىنى بىلىدۇ، بىراق مېنىڭ خەلقىم مېنىڭ قائىدە-نىزاملىرىمنى بىلمەيدۇ. Gade chapit la |
شۇڭا دۈشمەنلىرى ئۇلارنى خۇددى ئورمانلىقتىكى شىرلار ئولجىنى تىتقاندەك تىتىپ تاشلايدۇ. دۈشمەنلىرى ئۇلارنى قۇملۇقلاردىن كەلگەن بۆرىلەردەك يەۋېتىدۇ. دۈشمەنلىرى خۇددى يىلپىزلاردەك شەھەر سىرتىدا ساقلاپ يېتىپ، كىم سىرتقا چىقىشقا پېتىنسا شۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يېتىپ، ئاسىيلىقلىرى تېخىمۇ كۈچەيدى.