22 گىلئادتا شىپالىق مەلھەم يوقمۇ؟ ئۇ يەردە تېۋىپ يوقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن خەلقىم تېخىچە ساقايمايدۇ.
ئى مىسىر خەلقى، سىلەر بىكاردىن-بىكار نۇرغۇنلىغان دورىلارنى تەييارلىدىڭلار، گىلئادقا بېرىپ، مەلھەممۇ تېپىپ كېلىڭلار، لېكىن سىلەر بەرىبىر ساقايمايسىلەر.
ئۇلار تاماققا ئولتۇرغىنىدا، ئىسمائىل قەبىلىسىگە تەۋە بىر كارۋاننىڭ گىلئادتىن مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار تۆگىلىرىگە دورا-دەرمان، دېۋىرقاي ۋە مۇرمەككىلەرنى ئارتىپ كەلگەنىدى.
لېكىن بابىل تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ۋەيران بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكۈڭلار! ئۇنىڭ يارىلىرىغا مەلھەم سۈرۈڭلار، بەلكىم ئۇ شىپالىق تاپار.
توپنىڭ ئىچىدە خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايالمۇ بار ئىدى. ئۇ بار پۇلىنى تېۋىپلارغا خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچكىم ئۇنى ساقايتالمىغانىكەن.
ياقۇپ ئۇلارغا: _ ئۇنداق بولسا، باش ۋەزىرگە مەلھەم، ھەسەل، دورا-دەرەك، مۇرمەككى، پىستە-بادام قاتارلىق ھەر خىل ئەڭ ياخشى يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سوۋغا سۈپىتىدە ئالغاچ بېرىڭلار.
بېشىم قۇدۇق، كۆزلىرىم بۇلاق بولغاي، ئۆلتۈرۈلگەن خەلقىمگە كېچە-كۈندۈز يىغلاي.
ئى پەرۋەردىگار، سەن يەھۇدىيەنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتتىڭمۇ؟ سەن سىئون خەلقىدىن نەپرەتلىنەمسەن؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى ساقايغىلى بولمايدىغان ھالەتتە ئېغىر يارىلاندۇرىسەن؟ بىز تىنچلىقنى ئىزدىدۇق، لېكىن ھېچبىر ياخشى ئىش يۈز بەرمىدى. جاراھەتلىرىمىزنىڭ ساقىيىدىغان ۋاقتىنى كۈتكەنىدۇق، ئەمما ۋەھىمىدە قالدۇق.
ئەي يېرۇسالېم، نېمە دەي ساڭا؟ كىمنىڭ دەردى يېتەر ساڭا؟ ئەي سىئون، قانداق تەسەللى بېرەي ساڭا؟ نېمىگە ئوخشىتاي سېنى، ساقايماستۇر جاراھىتىڭ، تاپالايدۇ جاراھىتىڭگە كىممۇ داۋا؟
رۇبېن قەبىلىسى بىلەن گاد قەبىلىسىنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرى بار ئىدى. ئۇلار يازېر بىلەن گىلئاد دىيارلىرىنىڭ مال بېقىشقا مۇۋاپىق يەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،
قۇدۇقتىن توختىماي سۇ چىققاندەك، بۇ شەھەردىنمۇ توختىماي رەزىللىك چىقىپ تۇرىدۇ. زوراۋانلىق ۋە ۋەيرانچىلىقنىڭ ئەكس سادالىرى شەھەرنىڭ ھەممە يەرلىرىدە ئاڭلانماقتا. مەن كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى كېسەل ۋە يارىدار كىشىلەردۇر.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمنى بىر خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەرنى چىلبۆرىلەر ماكان قىلىدۇ. مەن يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىمەن، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ياشىيالمايدۇ.»
پەرۋەردىگار، يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسى مېنىڭ نەزىرىمدە گىلئادقا ۋە لىۋاننىڭ تاغ چوققىلىرىغا ئوخشاش ھەيۋەتلىكتۇر، لېكىن مەن ئۇنى چۆلگە ئوخشاش ھېچكىم ياشىمايدىغان بىر جايغا ئايلاندۇرۇپ قويىمەن.
يەھۇدىيەلىكلەر ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرمۇ سېنىڭ خېرىدارلىرىڭ ئىدى. ئۇلار مىننىتتىن كەلتۈرۈلگەن بۇغداي، تېرىق، ھەسەل، زەيتۇن يېغى ۋە پۇراقلىق مەلھەملەرنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە تىجارەت قىلاتتى.