Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 8:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 پەرۋەردىگار خەلقىگە مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن شۇنداق! مەن سىلەرگە قارشى دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىمەن. ئۇلار خۇددى زەھەرلىك يىلانلارغا ئوخشايدۇ، ئۇلارنى ئەپسۇن بىلەنمۇ ھەيدىۋەتكىلى بولمايدۇ، ئۇلار سىلەرنى ۋەيران قىلىدۇ.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 8:17
9 Referans Kwoze  

يىلان ئويناتقۇچىنى يىلان ئوينىتىشتىن ئىلگىرى يىلان چېقىۋالسا، ئۇنداقتا يىلان ئويناتقۇچىنىڭ ماھارىتىنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ.


ئۇلار ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىدۇ. كېسەللىك ۋە ۋابا ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى، زەھەرلىك يىلانلارنى ئۇلارغا ئەۋەتىمەن.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا زەھەرلىك يىلانلارنى ئەۋەتتى. يىلانلار نۇرغۇن ئىسرائىللارنى چېقىپ، ئۆلتۈردى.


ئاتلارنىڭ كۈچى ئېغىزلىرىدا ۋە قۇيرۇقلىرىدا ئىدى. قۇيرۇقلىرىنىڭ يىلانغا ئوخشاش بېشى بولۇپ، بۇلار بىلەن ئادەمنى زەخىملەندۈرەتتى.


ئۇلار كارمەل تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىۋالسىمۇ، تۇتۇپ كېلىمەن. ئەگەر ئۇلار مېنى كۆرمىسۇن دەپ دېڭىزنىڭ تېگىگە شۇڭغۇۋالسا، دېڭىز يىلىنىنى ئۇلارنى چېقىشقا ئەۋەتىمەن.


ئاشۇ كۈنى سىلەر خۇددى شىردىن قۇتۇلۇپ، ئېيىققا يولۇققان ئادەمگە، ياكى ئۆيگە ساق قايتىپ كېلىپ، تامغا يۆلىنىشىگىلا قولىنى يىلان چېقىۋالغان ئادەمگە ئوخشاپ قالىسىلەر.


«ئەي فىلىستىيەلىكلەر، سىلەر: ‹بىزنى ئۇرىدىغان كالتەك سۇندى› دەپ، ئالدىراپ خۇش بولۇپ كەتمەڭلار! كېيىن چىققان يىلان كۆزەينەكلىك يىلاندۇر. ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان يىلان تېخمۇ زەھەرلىك ئۇچار يىلاندۇر.


ئى خۇدا، ئۇرۇپ سۇندۇرۇۋەتكىن ئۇلارنىڭ چىشلىرىنى، ئى ئىگەم، يۇلۇۋەتكىن ئۇ شىرلارنىڭ توڭكاي چىشلىرىنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite