Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 8:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ كىشنەشلىرى ئاللىقاچان دان شەھىرىگە ئاڭلاندى. ئايغىرلىرىنىڭ كىشنىگەن ئاۋازلىرى پۈتۈن زېمىندىكىلەرنى قورقۇتۇپ تىترەتتى. ئۇلار بۇ زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى گۇمران قىلىشقا كېلىدۇ! ئۇلار بۇ شەھەرنى ۋە بۇ شەھەردە ياشاۋاتقانلارنى ۋەيران قىلماقچى!»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 8:16
22 Referans Kwoze  

ئۇلار بۇ شەھەرنى ئىسرائىللارنىڭ ئوغلى، ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى بولغان داننىڭ نامى بىلەن «دان شەھىرى» دەپ ئاتىدى. بۇرۇن بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى لايىش ئىدى.


توختىماي چېپىپ سىسىرانىڭ تۇلپارلىرى، تىترەتتى تۇياقلىرى گۈلدۈرلەپ يەر-زېمىننى.


لېكىن، باشقا بىرى سىلەرگە: «بۇ نەزىر قىلىنغان گۆش» دېسە، ئۇ كىشىنىڭ ئېتىقادىنى ئويلاپ ئۇ گۆشنى يېمەڭلار. چۈنكى، بۇ گۆشنى يېيىش ئۇنىڭ نەزىرىدە گۇناھ بولىدۇ.


چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسە رەببىمىزگە تەئەللۇقتۇر.»


تەۋرەندى تاغلار كۆرگەندە سېنى. كەلكۈن كېلىپ، سۇلار ئۆركەشلەپ، يەتتى پەلەككە شاۋقۇنلىرى.


قۇلاققا ئاڭلىنىپ تۇرار، قامچىلارنىڭ تاراسلاشلىرى، چاقلارنىڭ جاراق-جۇرۇقلىرى، ئات تۇياقلىرىنىڭ دۈپۈرلەشلىرى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاراقلاشلىرى.


دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ تۇياق ئاۋازى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئۇنىڭ چاقلىرىنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. قورققىنىدىن مادارسىزلانغان ئاتىلار بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنمۇ كەينىگە قايتىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.


ساڭا ئېتىبار قىلمىغان ۋە ئىبادەت قىلمىغان ئەللەرگە غەزىپىڭنى ياغدۇرغىن. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ خەلقىڭنى، يەنى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋەيران قىلدى. ئۇلار خەلقىڭنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۆي-ماكانلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى.


ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئوقيا ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللانغان. ئۇلار ناھايىتى ۋەھشىي بولۇپ، ئۇلاردا مېھىر-شەپقەت يوقتۇر. ئۇلار ئۇچقۇر ئاتلارغا مىنىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، خۇددى دېڭىزنىڭ شاۋقۇنلىرىدەك ئاۋاز چىقىرىدۇ. ئەي سىئون، ئۇلار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سەپ تۈزمەكتە.»


مەن تاغلارغا قارىدىم، ئۇلار سىلكىنىۋاتاتتى. ھەممە ئېگىزلىكلەر تەۋرىنىۋاتاتتى.


پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر دۇنيا، ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇدات، يەر يۈزى ھەم ئۇنىڭدا ياشىغۇچى ھەممە مەخلۇقات.


شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىللار شىمالدىكى داندىن تارتىپ، جەنۇبتىكى بەئەرشەبا ۋە شەرقتىكى گىلئادقىچە بولغان زېمىنلاردىن كېلىپ، مىزپاھ شەھىرىدە توپلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر گەۋدە بولدى.


ئۇنى چېكەتكىدەك تاقلىتىپ، قورقۇنچلۇق كىشنەتكەن سەنمۇ؟


بىز نومۇسسىزلارچە بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىمىزدىن تارتىپ، ئەجدادلىرىمىز ئىشلەپ تاپقان ھەممە نەرسىمىز يوق بولدى، چارۋا ماللىرىمىز ۋە ئوغۇل-قىزلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق.


ئۇلار زىرائەتلىرىڭلار ۋە يېمەكلىكىڭلارنى يەپ تۈگىتىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدۇ، چارۋا ماللىرىڭلارنى يەپ بولىدۇ، ئۈزۈمزارلىقىڭلار ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرىڭلارنى قۇرۇتۇپ تاشلايدۇ. ئۇلار سىلەر ئىشەنگەن مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭلارنى قىلىچ بىلەن ۋەيران قىلىدۇ.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «تىنچلىق سادالىرى ئەمەس، بەلكى ئالاقزادىلىك، قورقۇنچ قاپلىغان كىشىلەرنىڭ يىغا-زارى ئاڭلىنىدۇ.


لېكىن سىلەرنى ۋەيران قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولىدۇ. بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ. سىلەرنى تالان-تاراج قىلغانلارنىڭ ئۆزىمۇ تالان-تاراج قىلىنىدۇ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ.


ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئوقيا ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللانغاندۇر. ئۇلار ناھايىتى ۋەھشىي بولۇپ، ئۇلاردا مېھىر- شەپقەت يوقتۇر. ئۇلار ئۇچقۇر ئاتلارغا مىنىپ يۈرۈش قىلغاندا، خۇددى دېڭىزنىڭ شاۋقۇنلىرىدەك ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. ئۇلار سەپ تۈزۈشۈپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، ئەي بابىل شەھىرى.


دۇنيا ئازاب-ئوقۇبەتتىن تىترەپ تولغىنىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار بابىلغا قارشى ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، ئۇ بابىل زېمىنىنى ھېچكىم ياشىمايدىغان قاقاسلىققا ئايلاندۇرىدۇ.


شىر ئۇۋىسىدىن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ، خەلقلەرنى ۋەيران قىلغۇچى يولغا چىقتى. ئۇ كېلىپ، سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلماقچى. شەھەرلىرىڭلار ۋەيران قىلىنىدۇ ۋە ئۇ يەرلەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite