Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 8:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئۇلار خەلقىمنىڭ يارىسىغا سەل قاراپ ‹ھەممە ئىش ياخشى! ھەممە ئىش جايىدا!› دەپ، قولىنىڭ ئۇچىدىلا داۋالايدۇ. بىراق ئىشلار ئۇلار دېگەندەك ئەمەس.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 8:11
14 Referans Kwoze  

ئۇلار خەلقىمنىڭ يارىسىغا سەل قاراپ: ‹ھەممە ئىش ياخشى! ھەممە ئىش جايىدا!› دەپ، قولىنىڭ ئۇچىدىلا داۋالايدۇ. بىراق ئىشلار ئۇلار دېگەندەك ئەمەس.


يالغاندۇر ساختا پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ۋەھىيلىرى. ئۇلار كۆرسىتىپ بەرمىدى گۇناھلىرىڭنى، روناق تاپقان ھالىتىڭگە ئەكەلمىدى سېنى، ئەكسىچە، ساڭا ساختا بېشارەت بەردى.


ئەگەر بىر يالغانچى ۋە ئالدامچى سىلەرگە: «سىلەردە مەي، شاراب مول بولىدۇ» دېسە، ئۇ سىلەرنىڭ ياخشى پەيغەمبىرىڭلارغا ئايلىنىدۇ.


مەن ئادالەتلىك ئادەملەرنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىنى خالىمايتتىم، لېكىن سىلەر ئۇلارنى يالغانچىلىقىڭلار بىلەن ئۈمىدسىزلەندۈردۈڭلار. رەزىللەرنى يامان يولىدىن يانماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشىغا توسالغۇ بولدۇڭلار.


بۇ چاغدا مىكايانى چاقىرغىلى بارغان ئەمەلدار مىكاياغا: _ قاراڭ، ھەممە پەيغەمبەرلەر پادىشاھقا بىر ئېغىزدىن ياخشىلىقتىن بېشارەت بېرىشتى. سىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ياخشىلىقتىن بېشارەت بەرگەيسىز، _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئۆزى پەيغەمبەر دەپ قارىغان تەخمىنەن 400 ئادەمنى يىغىپ، ئۇلاردىن: _ مەن راموتقا ھۇجۇم قىلسام بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھۇجۇم قىلغايلا! ئىگىمىز راموتنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى ئۇلار.


كىشىلەر «دۇنيا تىنچ-ئامان» دەپ تۇرغاندا، تاسادىپىي ئۇلارغا ھالاكەت كېلىدۇ. بۇ خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.


بىز تىنچلىقنى ئىزدىدۇق، لېكىن ھېچبىر ياخشى ئىش يۈز بەرمىدى. جاراھەتلىرىمىزنىڭ ساقىيىدىغان ۋاقتىنى كۈتكەنىدۇق، ئەمما ۋەھىمىدە قالدۇق.


مەن مۇنداق دېدىم: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، قارا! ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا: «ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىق بېشىڭلارغا كەلمەيدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرگە بۇ زېمىندا ئەبەدىي تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلىدۇ.» دەۋاتىدۇ.


ئۇلار دائىم مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئىنكار قىلغانلارغا: ‹ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ!› دەيدۇ. ئۇلار قەلبلىرىدىكى جاھىل ھەۋەسلىرىگە ئەگەشكەنلەرگە: ‹سىلەر بالا-قازاغا ئۇچرىمايسىلەر!› دەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite