يەرەمىيا 7:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. ئەگەر سىلەر يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، مېنىڭ يولۇمغا قايتساڭلار، مەن سىلەرنىڭ ئۆز زېمىنىڭلاردا ياشىشىڭلارغا يول قويىمەن. Gade chapit la |
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي يەرەمىيا، سەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى بارلىق پۇقرالارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سىلەرگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشكە تەييارلىنىپ، جازالاش پىلانىنى تۈزىۋاتىمەن! شۇڭا، ھەربىرىڭلار رەزىل قىلمىشلىرىڭلاردىن يېنىپ، توغرا يولدا مېڭىشقا نىيەت قىلىڭلار!›
مەن سىلەرگە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم. ئۇلار سىلەرگە: ‹يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، توغرا ئىش قىلىڭلار. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار. شۇندىلا سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ زېمىندا ياشىيالايسىلەر.› دېدى. لېكىن سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار.
پەرۋەردىگار بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە غايىبنى بىلگۈچىلەر ئارقىلىق ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيە خەلقىگە: «يامان يولدىن قايتىڭلار! مەن سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ئەمر قىلغان ۋە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزگەن قانۇندىكى بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ،
پەرۋەردىگار خەلققە مۇنداق دېدى: «سىلەر تۆت كوچىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، شۇڭا يولۇڭلارنى كۆزىتىڭلار. كونا، ئىشەنچلىك يولنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سوراڭلار. قايسى يولنىڭ بەخت-سائادەتكە باشلايدىغانلىقىنى سوراپ، شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار ئارام تاپىدىغان جاينى تاپالايسىلەر. بىراق خەلقىم: ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭمايمىز!› دېدى.
شۇنداق بولغاندىلا، داۋۇت ئەۋلادىدىن بولغان پادىشاھلار ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بۇ شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرىدىن دائىم كىرىپ-چىقىپ تۇرىدۇ. پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرى جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرىدۇ ياكى ئاتلارغا مىنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقلىرى ھەمراھ بولىدۇ. مۇشۇ شەھەردە ياشايدىغانلار مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ.