Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 7:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 شۇڭا مەن دەيمەنكى، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى بۇ زېمىنغا، يەنى بۇ زېمىندىكى ئىنسانلار، ھايۋاناتلار، شۇنداقلا دەل-دەرەخلەر ۋە زىرائەتلەرگە ياغدۇرىمەن. غەزەپ-نەپرىتىم ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان ئوتتەك يالقۇنلايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 7:20
35 Referans Kwoze  

چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مىسىرغا كەتسەڭلار، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى يېرۇسالېمدىكى كىشىلەرگە ياغدۇرغاندەك، سىلەرگىمۇ ياغدۇرىمەن. سىلەر كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، ئۇلار قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىسىلەر. سىلەر ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىسىلەر، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايسىلەر ۋە ئۆز زېمىنىڭلارنى ھەرگىز قايتا كۆرەلمەيسىلەر.»


لېكىن سىلەر چوقۇم ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار ۋە دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. ئۇ كۈنى يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىدىن ھېچقانداق يۈك-تاق ئېلىپ كىرمەڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىغا ئوت قويىمەن. ئوت يېرۇسالېمنىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم ئۇنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.›»


شۇڭا ئۇ بىزگە قاتتىق غەزەپ ياغدۇرىدۇ، لەشكەرلىرىمىزنى جەڭدە مەغلۇپ قىلىدۇ. بىز ئوت ئىچىدە قالغاندىمۇ، ھېچنېمىنى چۈشەنمىدۇق. بىز كۆيۈۋاتقاندىمۇ، بۇنىڭ گۇناھنىڭ ئاقىۋىتى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويمىدۇق.


خۇدانىڭ غەزىپى تاشسا، كىممۇ چىدىيالىسۇن؟ كىممۇ ئۇنىڭ غەزەپ ئوتىغا بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ ئۇنىڭ غەزىپى خۇددى ئوتتەك ياغىدۇ. قورام تاشلار ئۇنىڭ ئالدىدا پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ.


كۈمۈش ئوچاقتا ئېرىپ كەتكەندەك، سىلەرمۇ شەھەردە غەزەپ ئوتۇمدا ئېرىپ كېتىسىلەر. شۇندىلا سىلەر ئۈستۈڭلارغا غەزەپ ئوتىنى چاچقۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.»


قەھر-غەزەپكە كېلىپ پەرۋەردىگار، چاچتى ئوتلۇق قەھرىنى. ئوت كېتىپ سىئونغا، كۆيدۈردى پۈتۈن شەھەرنى.


شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا غەزەپ-نەپرىتىمنى ياغدۇردۇم. غەزەپ-نەپرىتىم يېرۇسالېم كوچىلىرى ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىنى ئوتقا ئوخشاش كۆيدۈرىدۇ. ھازىر بۇ شەھەرلەر ۋەيران بولۇپ خارابىلىكتە تۇرماقتا.


ئۇلار چىقىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ، ئاسىيلارنىڭ تېنىدىكى قۇرتلار ئۆلمەيدۇ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت ئۆچمەيدۇ، پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.»


چۈنكى ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى كەلتۈردى. غەزەپ ئوتۇم بۇ زېمىنغا تۇتىشىدۇ، ئۆچمەيدۇ›».


خۇدانىڭ غەزىپىنىڭ ساپ ھەم كۈچلۈك شارابىنى خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھتە ئىچىدۇ. ئۇ مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا ئوت ۋە گۈڭگۈرتتە ئازابلىنىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن خۇددى لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان تونۇردەك بولىدۇ. ئۇ كۈنى تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلار پاخالدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن نە يىلتىز، نە شاخ-شۇمبا قالمايدۇ.


بارلىق ئىسرائىللار سېنىڭ قانۇنلىرىڭغا ئەمەل قىلمىدى ۋە يولۇڭدىن چەتنىدى. سۆزۈڭنى ئاڭلاشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى قارغىشلار ۋە قەسەملەر ئۆتكۈزگەن گۇناھىمىز سەۋەبىدىن بېشىمىزغا كەلدى.


ئۇلارنىڭ ۋەھىيلىرىگە قۇلاق سالغانلارمۇ ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقنىڭ قۇربانلىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى يېرۇسالېم كوچىلىرىغا تاشلىنىدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاياللىرى، ئوغۇل-قىزلىرىنىمۇ دەپنە قىلمايدۇ. مەن ئۇلارغا ۋەيرانچىلىق ياغدۇرىمەن، چۈنكى ئۇلار شۇنىڭغا لايىق.


قاچانغىچە زېمىنىمىز قۇرغاقلىشىپ، دالالاردىكى ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كېتىدۇ؟ بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، ھايۋانلار ۋە قۇشلار ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ كىشىلەر: «بىزنىڭ قىلغانلىرىمىزنى خۇدا كۆرمەيدۇ» دەيدۇ.


ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش، ھەممە ئىنساننى ئايرىيدۇ، - دېدى.


ئىسرائىللارنىڭ نۇرى بولغان پەرۋەردىگار ئوتقا ئايلىنىدۇ، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا يالقۇنغا ئايلىنىدۇ، ئاسسۇردىن ئىبارەت بۇ تىكەن ۋە ئازغانلار بىر كۈندىلا كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ.


ئەي پەرۋەردىگار، مەن ساڭا ئوخشاشلا غەزەپكە تولدۇم، ھەقىقەتەن چىدىيالمىدىم.» پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «غەزىپىڭنى كوچىدا ئويناۋاتقان بالىلارغا ۋە توپلاشقان ياشلارغا چاچ. غەزىپىڭنى ئەرلەر ۋە ئاياللار، شۇنىڭدەك ياشانغانلارغىمۇ چاچ.


ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى باشقىلار ئىگىلىۋالغاندەك، يەرلىرى ۋە ئاياللىرىنىمۇ باشقىلار ئىگىلىۋالىدۇ. چۈنكى مەن بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن. بۇ سۆزلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئېيتىۋاتىمەن!


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنىڭ ھوسۇللىرىنى ئېلىپ كېتىمەن. ئۈزۈم تاللىرى ھوسۇل بەرمەيدۇ. ئەنجۈر دەرەخلىرىدە مېۋە قالمايدۇ، يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇلارغا بەرگەنلىرىم ئېلىپ كېتىلىدۇ.»


مەن پەرۋەردىگار بۇرۇن ئۇلارنى «ياخشى مېۋە بېرىدىغان بۈك-باراقسان زەيتۇن دەرىخى» دەپ ئاتىغانىدىم، لېكىن ھازىر مەن ئۇلارنى دەھشەتلىك ئوتتا كۆيدۈرۈپ، شاخلىرىنى قۇرۇتۇپ تاشلايمەن.


سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ سەۋەبىدىن، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندىن ئايرىلىپ قالىسىلەر. شۇنداقلا مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلارمۇ بىلمەيدىغان يات زېمىندا دۈشمەنلىرىڭلارغا قۇل قىلىپ بېرىمەن. چۈنكى سىلەر مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىدىڭلار، بۇ غەزەپ مەڭگۈ لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا ئوخشايدۇ.»


ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان بارلىق سۇيىقەستىنى بىلىسەن. ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن! ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆزۈڭدىن ئۆچۈرۈۋەتمىگەيسەن! ئۇلار كۆز ئالدىڭدا مەغلۇپ بولۇپ، يىقىلىپ چۈشسۇن! ئۇلارنى غەزەپ بىلەن جازالىغايسەن!»


ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان خان جەمەتى، پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيدۇكى، ھەر كۈنى ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىڭلار. بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلارنى زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار. ئۇنداق بولمايدىكەن، قىلغان رەزىل ئىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن غەزىپىم خۇددى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك سىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم بۇنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سۈپۈرۈپ تاشلايمەن.


مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرۇپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن. سىلەرنى گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ جازالايمەن.


ئۇلارنىڭ ۋاقىت-سائىتى توشتى، ئاپەت كۈنى كەلدى. سېتىۋالغۇچىلار خۇشال بولمىسۇن، ساتقۇچىلارمۇ ئۆكۈنمىسۇن، چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم پۈتۈن خەلقىمنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.


گەرچە ئۇلار بۇرغا چېلىپ، ئۇرۇشقا تەييار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم جەڭگە چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم ھەممە ئادەمنىڭ بېشىغا كېلىدۇ.


ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، ئاسماندىكى قۇشلارنى، دېڭىزدىكى بېلىقلارنى ھالاك قىلىمەن. رەزىللەرنى يوقىتىمەن، يەر يۈزىدىن ئىنسانلارنى يوق قىلىمەن. بۇنى مەن پەرۋەردىگار جاكارلىدىم.


ئەجدادلىرىڭلار يۈرەكلىرىنى تاشتەك قاتتىق قىلىپ، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر مېنىڭ روھىم ئارقىلىق يەتكۈزگەن تەلىملىرىم ۋە باشقا سۆزلىرىمگە ئەمەل قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇلارغا قاتتىق غەزەپلەندىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite