Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 7:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئاندىن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ ئەي يەرەمىيا، بۇ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلما! ئۇلارنىڭ ئورنىدا ماڭا يىغلاپ ئىلتىجا قىلما! ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە مەندىن ئۆتۈنمە. چۈنكى مەن دۇئايىڭنى ئاڭلىمايمەن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 7:16
14 Referans Kwoze  

ئەي يەرەمىيا، بۇ كىشىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلما! ماڭا يېلىنىپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىلتىجا قىلما! بالايىئاپەت بېشىغا كەلگەندە، ئۇلار مەندىن ياردەم تىلەپ ئىلتىجا قىلىدۇ. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايمەن.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەگەردە مۇسا بىلەن سامۇئىل ئالدىمدا تۇرۇپ، بۇ خەلق ئۈچۈن ماڭا ئىلتىجا قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ خەلققە ھېچقانداق مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەيتتىم. بۇ خەلق كەتسۇن! كۆزۈمدىن يوقالسۇن!


ئەمدى سەن مېنى توسما، مەن ئۇلارغا غەزىپىمنى چۈشۈرىمەن ۋە ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن. لېكىن سېنى ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى بۈيۈك بىر ئەل قىلىمەن، _ دېدى.


ياخشىلىققا يامانلىق قايتىشى كېرەكمۇ؟ ئۇلار ھەتتا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، ئورەك كولاۋاتىدۇ. مەن بۇرۇن ئالدىڭغا كېلىپ، ئاشۇ سۇيىقەستچىلەرگە بولغان غەزىپىڭنى بېسىش ئۈچۈن، سەندىن ئۆتۈنگىنىمنى يادىڭدا تۇتقايسەن.


سىلەر دۇئاغا قوللىرىڭلارنى كۆتۈرگىنىڭلاردا، كۆزلىرىمنى قاچۇرىمەن. قانچە كۆپ دۇئا-تىلاۋەت قىلساڭلارمۇ ئاڭلىمايمەن، چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالغان.


بىرى قېرىندىشىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمىغۇدەك گۇناھ سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئۇنىڭ بۇ قېرىندىشىغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. بۇ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمىغۇدەك گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرگە قارىتا ئېيتىلغان. لېكىن، مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارغۇدەك گۇناھمۇ بار. مەن سىلەرنى بۇنداق گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار دېمەيمەن.


لېكىن بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنىسىلەر. ئەمما پەرۋەردىگار جاۋاب بەرمەيدۇ. سىلەرنىڭ رەزىللىكىڭلار سەۋەبىدىن پەرۋەردىگار سىلەردىن دىدارىنى يوشۇرىدۇ.


مېنى توسما، مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىپ، يەر يۈزىدىن نامىنى يوقىتاي. مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلاردىنمۇ چوڭ ۋە كۈچلۈك بىر خەلق قىلىمەن» دېدى.


يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى روھانىي ئىدى.


سەن ئۇلارنىڭ يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟


مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى، سەن مەندىن ۋاز كېچىپ، يۈز ئۆرۈدۈڭ. شۇڭا، مەن ساڭا قارشى قولۇمنى كۆتۈرۈپ، سېنى ۋەيران قىلىمەن. ساڭا شەپقەت قىلىپ چارچىدىم.


زېمىن ھازا تۇتىدۇ، ئاسمان قاراڭغۇلۇققا چۆكىدۇ. مەن مەقسىتىمنى ئوچۇق ئېيتتىم ۋە قارار قىلدىم. قارارىمنى ئۆزگەرتمەيمەن.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite