Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 7:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 بۇرۇن مەن ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلارغا يول قويغان شىلوغا بېرىڭلار. خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ قىلغان رەزىل ئىشلىرى تۈپەيلىدىن، مېنىڭ ئۇ يەرنى قانداق ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكىمنى كۆرۈڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 7:12
13 Referans Kwoze  

شۇڭا مەن بۇ ئىبادەتخانىنى خۇددى شىلو شەھىرىنى گۇمران قىلغاندەك گۇمران قىلىمەن. دۇنيادىكى ھەممە خەلقلەر بۇ شەھەرنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ قارغايدۇ.›»


ئىسرائىللار پۈتۈن زېمىنلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، پۈتكۈل خەلق شىلو شەھىرىگە يىغىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرى تىكتى.


ئۇ يەنە: _ شان-شەرەپ ئىسرائىلىيەدىن كەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قولدىن كەتتى، _ دېدى.


خۇدانىڭ ئىبادەتگاھى شىلو شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، دان قەبىلىسى مىكاھ ياسىغان بۇتنى تىكلىگەنىدى.


ئەلقانا ھەر يىلى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆز شەھىرىدىن شىلو شەھىرىگە ئائىلىسى بىلەن بىللە باراتتى. ئۇ يەردە ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى بولغان خوفنى بىلەن پىنىخاس پەرۋەردىگارغا روھانىيلىق قىلاتتى.


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن سىلەرگە سۇنۇشقا بۇيرۇغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، باشقا شەخسىي ھەدىيەڭلارنى ۋە سۇنۇشقا قەسەم قىلغان ئېسىل ھەدىيەڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا «||خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن | نامىم بۇ يەردە ئۇلۇغلانسۇن||» دەپ بەلگىلەپ بەرگەن يەردە سۇنۇڭلار.


پەرۋەردىگار بارلىق ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرى ئىچىدىن ئىبادەت قىلىدىغان بىر جاينى بەلگىلەپ بېرىدۇ. سىلەر پەقەت شۇ جايغىلا بېرىڭلار.


يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ زېمىنلارنى ھەرقايسى قەبىلىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش ئۈچۈن چەك تاشلىدى.


شۇڭا مەن، مېنىڭ نامىمغا ئاتالغان، سىلەر ‹بىزنى قوغدايدۇ› دەپ ئىشەنگەن بۇ ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىمەن. مەن سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ يەرنى، شىلونى ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران قىلىمەن.


مەن ئۇلارنى ئۇلارغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىمەن، ھەتتا ئۆز نامىمغا ئاتاپ، مۇقەددەس قىلغان بۇ ئىبادەتخانىنىمۇ كۆزۈمدىن يوقىتىمەن. ئۇلار بارلىق ئەللەر ئالدىدا مازاق ۋە كۈلكىگە قالىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite