Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 6:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ئۆزۈم يىغقۇچى ئۆزۈم تېلىنى قايتا-قايتا تەكشۈرگىنىگە ئوخشاش، دۈشمىنىڭلار ئىسرائىلىيەدە قالغان خەلقنى بىردىن-بىردىن تەكشۈرۈپ چىقىدۇ.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 6:9
7 Referans Kwoze  

ئادەملەر ئۈزۈملىرىدىن ھوسۇل ئالغىلى كەلسە، ئازراق ئۈزۈملەرنى قالدۇرۇپ قويمامدۇ؟ كېچىدە ئۆيگە چۈشكەن ئوغرى پەقەت ئۆزى خالىغان نەرسىسىنى ئالىدىغۇ؟


لېكىن مەن پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى، مەن ھازىر بۇ خەلققە نۇرغۇن دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىمەن، بېلىقچىلار خۇددى بېلىق تۇتقاندەك، ئۇلار خەلقىمنى تۇتىدۇ. مەن يەنە خەلقىمنى ئوۋلايدىغان ئوۋچىلارنى ئەۋەتىمەن. ئۇلار خەلقىمنى مۇشۇ زېمىندىكى بارلىق تاغلاردىن، دۆڭلەردىن، قورام تاشلارنىڭ يېرىقلىرىدىن ئوۋلايدۇ.


ئارقىدىنلا، ئوتنى باشقۇرىدىغان يەنە بىر پەرىشتە قۇربانلىق سۇپىسى تەرەپتىن چىقىپ، ئۆتكۈر ئورغاق تۇتقان پەرىشتىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئۆتكۈر ئورغىقىڭنى سېلىپ، يەر يۈزىدىكى ئۈزۈم تاللىرىنىڭ ساپاقلىرىنى يىغىۋال، چۈنكى ئۈزۈملەر پىشىپ يېتىلدى» دېدى.


بۇ رەزىل خەلقنىڭ ھايات قالغانلىرى سۈرگۈن قىلغان يەرلەردە ياشاشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»


ئاناتوتتىكى ئاشۇ سۇيىقەستچىلەرنىڭ بىرسىمۇ ھايات قالمايدۇ. جازالايدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت ياغدۇرىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite