Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 6:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 قۇدۇقتىن توختىماي سۇ چىققاندەك، بۇ شەھەردىنمۇ توختىماي رەزىللىك چىقىپ تۇرىدۇ. زوراۋانلىق ۋە ۋەيرانچىلىقنىڭ ئەكس سادالىرى شەھەرنىڭ ھەممە يەرلىرىدە ئاڭلانماقتا. مەن كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى كېسەل ۋە يارىدار كىشىلەردۇر.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 6:7
24 Referans Kwoze  

خەلقىمگە زەنجىرلەر تەييارلانسۇن. بۇ زېمىن قاتىللىققا تولدى، شەھەرنى زوراۋانلىق قاپلىدى.


زوراۋانلىق رەزىللەرنى ساۋايدىغان بىر تاياققا ئايلاندى. ئىسرائىللاردىن بىرسىمۇ ئامان قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ بايلىقى ۋە شان-شەرىپىمۇ يوقىلىدۇ.


ھەرقاچان ۋەھىيلىرىڭنى يەتكۈزگىنىمدە: ‹زوراۋانلىق ۋە ۋەيرانچىلىق كېلىۋاتىدۇ!› دەپ پەرياد قىلىپ، ۋارقىرىشىم كېرەك. مەن سېنىڭ ۋەھىيلىرىڭنى جاكارلىغىنىم ئۈچۈن، ھەر كۈنى مەسخىرىلەرگە ئۇچراپ، كەمسىتىلدىم.


لېكىن، رەزىللەر خۇددى چايقىلىۋاتقان دېڭىزدەك تىنچىمايدۇ. تىنچىماي چايقىلىۋاتقان سۇلاردىن پاسكىنا نەرسىلەر ۋە لاتقىلار ئېتىلىپ چىقىدۇ.


بۇ شەھەردە قىرغىنچىلىق يۈز بەردى، ئادەملەرنىڭ قېنى تاش ئۈستىگە تۆكۈلدى، ئەگەر قان يەرگە تۆكۈلگەن بولسا ئىدى، تۇپراققا كۆمۈلۈپ كەتكەن بولاتتى.


پاك تۇت بار كۈچۈڭ بىلەن قەلبىڭنى، ئۇ ھايات بۇلىقىدۇر چۈنكى.


توقۇغان تورلىرى كىيىم بولۇشقا يارىمايدۇ، توقۇلغان نەرسىلەر ھېچكىمنىڭ ئۈستىنى ياپالمايدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى رەزىللىكتۇر، قىلغان ئىشلىرى زوراۋانلىقتۇر.


مەن سىلەرگە ئېيتاي: ياراڭلار ساقايماستۇر، جاراھەتلىرىڭلار شىپا تاپمايدۇ.


ئەرزىڭلارنى ئاڭلايدىغان ھېچكىم يوق، يارىلىرىڭلارنى ساقايتىدىغان دورا يوق، سىلەرگە ھېچقانداق داۋا يوق.


بۇ شەھەر قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇنىڭدىكى خەلقلەر پەقەت مېنىڭ غەزەپ-نەپرىتىمنى قوزغايدىغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ شەھەرنى كۆز ئالدىمدىن يوقىتىمەن.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: _ ئەي ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرى، بولدى بەس! ئەمدى زوراۋانلىق ۋە زۇلۇمنى قويۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت بىلەن ئىش قىلىڭلار، خەلقىمنى ئۆز يەرلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلماڭلار. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


بېشىدىن ئايىغىغىچە بىرمۇ ساق يېرى يوق، ھەممە يەر يارا، كۆك ئىزلىرى ۋە قان ئېقىپ تۇرغان جاراھەت، ئۇلار نە تازىلانمىغان، نە تېڭىلمىغان، نە مەلھەم سۈرتۈلمىگەن.


گىلئادتا شىپالىق مەلھەم يوقمۇ؟ ئۇ يەردە تېۋىپ يوقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن خەلقىم تېخىچە ساقايمايدۇ.


سىلەر نېمە ئۈچۈن ‹يارىلىرىمىز شۇنچە ئېغىر، ساقايماس› دەپ يىغلايسىلەر؟ مەن سىلەرنى جازالىدىم، چۈنكى گۇناھىڭلار كۆپ، قىلمىشىڭلار ئېغىر.


سىلەر كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر ۋە سالغان پالىڭلار يالغاندۇر. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان رەزىللەرنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلىدۇ. چۈنكى ۋاقىت توشتى، سوراق كۈنى كەلدى.


ئاسىيلىققا، چىرىكلىككە ۋە زۇلۇمغا تولغان يېرۇسالېمنىڭ ھالىغا ۋاي!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite