Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 6:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

30 ئۇلار سۈپەتسىز كۈمۈشتۇر، شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى رەت قىلدىم.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 6:30
16 Referans Kwoze  

خۇدايىم ئۇلارنى چوقۇم رەت قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىدى. ئۇلار چوقۇم يات ئەللەردە سەرگەردان بولىدۇ.


كۈمۈشلىرىڭ داشقال بولدى، شارابلىرىڭغا سۇ قېتىلدى.


ئەخلىتىنى ئايرىغاندەك ئوتتا تاۋلاپ ئالتۇننى، يوق قىلىسەن يەر يۈزىدىن رەزىللەرنىڭ ھەممىسىنى، مەن سۆيىمەن سېنىڭ بارلىق پەرزلىرىڭنى.


سىلەرگە قارشى قول كۆتۈرىمەن. داشقاللىرىڭلارنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ، پۈتكۈل ئەخلەتلىرىڭلارنى چىقىرىپ تاشلايمەن.


ئۇنداقتا، شۇنى سورىماقچىمەن: خۇدا ئۆز خەلقى ئىسرائىللاردىن ۋاز كەچتىمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! مەنمۇ ئىبراھىم ئەۋلادىدىن، يەنى بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئىسرائىلغۇ!


- سىلەر يەر-يۈزىنىڭ تۇزىدۇرسىلەر. ھالبۇكى، ئەگەر تۇز ئۆز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. ئۇ چاغدا، ئۇ ھېچنېمىگە يارىماس تاشلاندۇق نەرسىگە ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا قېلىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، سەن يەھۇدىيەنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتتىڭمۇ؟ سەن سىئون خەلقىدىن نەپرەتلىنەمسەن؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى ساقايغىلى بولمايدىغان ھالەتتە ئېغىر يارىلاندۇرىسەن؟ بىز تىنچلىقنى ئىزدىدۇق، لېكىن ھېچبىر ياخشى ئىش يۈز بەرمىدى. جاراھەتلىرىمىزنىڭ ساقىيىدىغان ۋاقتىنى كۈتكەنىدۇق، ئەمما ۋەھىمىدە قالدۇق.


شۇڭا ئەي يېرۇسالېملىقلار، ماتەم تۇتۇپ، چاچلىرىڭلارنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار! تاقىر تاغلارغا چىقىپ ماتەم ناخشىسىنى ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار غەزەپلىنىپ، بۇ ئەۋلاد كىشىلەرنى رەت قىلدى ۋە ئۇلارنى تاشلىۋەتتى» دېگىن.


ئاۋۋال كۈمۈشنى تاۋلاپ، چىقىندىسىنى ئايرىپ تاشلا، ئاندىن زەرگەر قۇيۇپ چىقىدۇ نەپىس بىر قاچا.


باسار ئۇلارنى شۇنچە كۈچلۈك ۋەھىمە، ھەتتا ھېچبىر قورقۇنچ يوق يەردە. چۈنكى ئەي ئىسرائىل، يانچىۋېتەر خۇدا سېنى قورشاۋغا ئالغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى. سەن دەرۋەقە ئۇياتتا قالدۇرىسەن ئۇلارنى، چۈنكى خۇدا رەت قىلغاندۇر يامانلىق قىلغۇچىلارنى.


پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا بىر ۋەھىي كەلدى.


بىر ئاي ئىچىدە مەن ئۈچ پادىچىنى ھەيدىۋەتتىم. قويلارغا سەۋر-تاقىتىم قالمىدى. قويلارمۇ مەندىن بىزار بولدى.


نەتىجىدە پەرۋەردىگار بارلىق ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى رەھىمسىز دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشۈردى. ئاخىرىدا ئۇلارنى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىن يىراق قىلدى.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر بۇ پەيغەمبەرلەر، روھانىيلار ياكى باشقا كىشىلەردىن بىرەرسى سەندىن: «پەرۋەردىگار بىزگە نېمە يۈكلەرنى يۈكلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى؟» دەپ سورىسا، سەن ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار بىر يۈك! شۇڭلاشقا پەرۋەردىگار سىلەردىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دەپ جاۋاب بەرگىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite