Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 6:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

29 ئوت كۆرۈكتە پۈۋلەپ ئۇلغايتىلىدۇ، كۈمۈشتىن قوغۇشۇنلار شاللاپ چىقىرىۋېتىلىدۇ. لېكىن بۇ رەزىل خەلقنى تاۋلاشنىڭ پايدىسى يوق. چۈنكى مەينەتچىلىكلەرنى ئۇلاردىن چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 6:29
12 Referans Kwoze  

قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر قاتتىق سىناقلارغا دۇچ كەلگىنىڭلاردا، ئاجايىپ بىر ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم، دەپ ھەيران بولماڭلار.


مەن ئۇلارنى ئوتتا سىنايمەن. ئۇلارنى تاۋلانغان كۈمۈشتەك پاك قىلىمەن. ئۇلارنى ئالتۇننى تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن. ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىدۇ. مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن. مەن: ‹بۇلار مېنىڭ خەلقىمدۇر› دەيمەن، ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر› دېيىشىدۇ.»


خەلقىم دائىم مەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ. گەرچە ئۇلار مېنى ئۇلۇغ خۇدا دەپ چاقىرسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى يۇقىرىغا كۆتۈرمەيمەن.


ئەي يېرۇسالېم، بۇزۇقچىلىقىڭ سېنى بۇلغاپتۇ، مەن ئەسلى سېنى پاكلىماقچى بولغانىدىم، لېكىن سەن پاكلىنىشنى خالىمىدىڭ. شۇڭا مەن ساڭا غەزەپ قىلمىغۇچە، سەن مەينەتچىلىكىڭدىن تازىلانمايسەن.


شۇنىڭ ئۈچۈن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھازىر ئۇلارنى ئازاب ئوتىدا تاۋلايمەن ۋە سىنايمەن. خەلقىمنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق قىلىشتىن باشقا ئامالىم يوق.


لېكىن مەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: «مېنىڭ مېھنەتلىرىم بىھۇدىدۇر، مەن كۈچۈمنى سەرپ قىلىپ، ھېچبىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىدىم.» ئەمما پەرۋەردىگار ماڭا چوقۇم ئادىل مۇئامىلە قىلىدۇ، مېنىڭ مۇكاپاتىم پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر.


ئالتۇن-كۈمۈش ئوتتا تاۋلىنار، ئادەمنىڭ قەلبىنى پەرۋەردىگار سىنار.


بۇنداق ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىڭلارنىڭ سەۋەبى ئېتىقادىڭلارنىڭ ساپلىقىنى ئىسپاتلاشتۇر. ھەقىقىي ساپ ئېتىقاد بولسا ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىكتۇر. گەرچە ئالتۇننىڭ ساپلىقىنى ئوتتا تاۋلاش ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولسىمۇ، ئۇ بىز ئۈچۈن بەرىبىر مەڭگۈلۈك بولالمايدۇ. ئېتىقادىڭلار ساپ بولسا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن چاغدا بۇ ئېتىقاد سىلەرگە مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ.


مىكاھ كۈمۈشلەرنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئانىسى 200 كۈمۈش تەڭگىنى ئايرىپ، قۇيمىچىغا بىر ئويما ۋە بىر قۇيما بۇت ياسىتىپ، ئۇلارنى مىكاھنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويدى.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ ئەگەر توۋا قىلساڭ، مەن سېنى ئەسلىڭگە قايتۇرۇپ، ماڭا خىزمەت قىلالايدىغان قىلىمەن. ئەگەر سەن قۇرۇق گەپ قىلماي، مېغىزلىق گەپ قىلساڭ، يەنىلا سەن مېنىڭ سۆزلىرىمنى يەتكۈزگۈچى بولالايسەن. ئۇ چاغدا كىشىلەر سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ، سۆزۈڭنى ئاڭلايدىغان بولىدۇ، سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارمايسەن.


مەن بىھۇدە ئىش قىلىپتىمەن. داتلار قېلىن بولغاچقا ئوتتا ئېرىمەپتۇ. ئوتمۇ ئۇنى تازىلىيالماپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite