Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 6:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 يېرۇسالېم ئاھالىلىرى نالە قىلىشىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇلار توغرىسىدا ئاڭلىغان! بىز قورقۇنچ ئىچىدە يار-يۆلەكسىز قالدۇق! ئازاب بىزنى چىرمىۋالدى. بىز خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىۋاتىمىز!

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 6:24
19 Referans Kwoze  

بابىل پادىشاھى ئۇلار توغرۇلۇق خەۋەر ئاڭلىغاندا، قوللىرىدا مادار قالمايدۇ. ئازابتىن ئۇ تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىدۇ.


دەمەشق شەھىرى ئاجىزلاپ، ئۇنىڭ خەلقى قېچىپ كەتمەكچى بولىدۇ. ئۇلار ئالاقزادە بولۇپ، خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك ئاغرىق ۋە ئازاب ھېس قىلىدۇ!


مەن خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ يىغىسىنى، تۇنجى بالىسىنى تۇغۇش ئۈچۈن ئىڭرىغان بىر ئايالنىڭ ئىڭرىشىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. بۇ، گۈزەل يېرۇسالېمنىڭ نەپىسى بوغۇلۇپ قوللىرىنى كۆككە سوزۇپ، «ھالىمغا ۋاي! مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ!» دەپ يىغلىغان ئاۋازى ئىدى.


ئۆزۈڭلاردىن بۇنى سوراپ، ئويلىنىپ كۆرۈڭلار: ‹ئەزەلدىن بىر ئەرنىڭ بالا تۇغقىنىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟› ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ خۇددى تولغاق ئازابىدا قىينىلىۋاتقان ئاياللاردەك قورساقلىرىنى قاماللاپ تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن؟ ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا نېمە ئۈچۈن قان قالمىدى؟


پەرۋەردىگار سەن ‹دوستۇم› دەپ قارىغان ئاشۇ ئادەملەر ئارقىلىق سېنى باشقۇرسا، سەن نېمە دەيسەن؟ سەن تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئازابلانمامسەن؟


ھەر قېتىم بالايىئاپەت كەلگەندە، سىلەرنى يالماپ كېتىدۇ. شۇنداق، ھەر كۈنى سەھەر ئۇ يامراپ كېلىدۇ. ئۇ كېچىسىمۇ، كۈندۈزىمۇ كېلىدۇ.» ئەگەر سىلەر بۇ سۆزلەرنى چۈشەنگەن بولساڭلار، ۋەھىمىگە چۈشكەن بولاتتىڭلار!


بۇ ۋەھىي سەۋەبىدىن پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ تۇرىدۇ، ئاغرىق مېنى تولغاق ئازابىدەك قىينىماقتا. مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىم مېنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ. كۆرگەنلىرىم مېنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويدى.


كىشىلەر «دۇنيا تىنچ-ئامان» دەپ تۇرغاندا، تاسادىپىي ئۇلارغا ھالاكەت كېلىدۇ. بۇ خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.


ئاڭلاپ بۇلارنى شۈركەندى تېنىم. شاۋقۇندىن ھەم تىترىدى لېۋىم. قورقۇنچتىن بوشاپ كەتتى پۇت-قوللىرىم، غال-غال تىترەپ، دەلدەڭشىپ تۇرالماي قالدىم. كۈتەرمەن شۇندىمۇ سەۋرچانلىق بىلەن، بىزگە ھۇجۇم قىلغۇچىلارغا بالايىئاپەت كېلىدىغان كۈننى.


ھازىر پادىشاھىڭلار لىۋاندىن ئەكەلگەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىسىدا ھۇزۇرلىنىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇ پات ئارىدا جازالىنىدۇ، ئۇ خۇددى تولغاق يەۋاتقان ئايالدەك ئىڭرايدۇ.»


تىترەك بېسىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى، قىينالدى تولغاق يىگەن ئايال كەبى.


پادىشاھ بېلشاززار تېخىمۇ قورقۇپ، يۈزلىرىدە قان قالمىدى. ئەمەلدارلىرىمۇ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى.


شەھەرلەر بېسىۋېلىنىپ، مۇستەھكەم قورغانلار ئىشغال قىلىنىدۇ. ئۇ كۈندە موئاب لەشكەرلىرى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ھامىلىدار ئايالدەك قىينىلىدۇ.


ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ مادارى قالمايدۇ، قورققانلىقلىرىدىن تېقىملىرىغا سىيىۋېتىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite