Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 6:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئەي پەرۋەردىگار، مەن ساڭا ئوخشاشلا غەزەپكە تولدۇم، ھەقىقەتەن چىدىيالمىدىم.» پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «غەزىپىڭنى كوچىدا ئويناۋاتقان بالىلارغا ۋە توپلاشقان ياشلارغا چاچ. غەزىپىڭنى ئەرلەر ۋە ئاياللار، شۇنىڭدەك ياشانغانلارغىمۇ چاچ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 6:11
22 Referans Kwoze  

ئەگەردە، مەن ‹سېنى تىلىمغا ئالمايمەن، سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆزلىمەيمەن› دېسەم، سېنىڭ سۆزلىرىڭ يۈرىكىمدە ئوتتەك كۆيىدۇ، سۆزلىرىڭ سۆڭەكلىرىمدىكى بىر ئوتقا ئوخشايدۇ. مەن ئۇلارنى سىر ساقلاشقا تىرىشسام چارچاپ كېتىمەن، ئۇنى سۆزلەشكە مەجبۇر بولىمەن.


چۈنكى ئۆلۈم بىزنىڭ دېرىزىلىرىمىزدىن يامىشىپ، قورغانلىرىمىزغا كىرىپ كەلمەكتە. ئۇ كوچىلاردا ئويناۋاتقان بالىلىرىمىزنى، شەھەر مەيدانلىرىدا توپلانغان ياشلىرىمىزنى ئېلىپ كەتتى.


لېكىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ روھىغا چۆمدۈم، قۇدرەت، ئادالەت ۋە كۈچكە تولدۇم. مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە سالىمەن.


شۇنىڭدىن كېيىن، ئىبادەتخانىدىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ يەتتە پەرىشتىگە: «بېرىڭلار، خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن تولغان يەتتە چىنىدىكىنى يەر يۈزىگە تۆكۈڭلار!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.


سىلاس بىلەن تىموتىي ماكېدونىيىدىن كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس بارلىق ۋاقتىنى خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە سەرپ قىلىپ، يەھۇدىيلارغا ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى.


پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدە سىلاس بىلەن تىموتىينى كۈتۈپ تۇرغاندا، شەھەرنىڭ ھەممە يېرىنى بۇت قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن بىئارام بولدى.


ئەمما بىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز! - دەپ جاۋاب بەردى.


بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن قايتىپ كېلىدىغان كېچە بىر ئورۇندا ياتقان ئىككى كىشىنىڭ بىرى قالدۇرۇلۇپ، يەنە بىرى ئەرشكە ئېلىپ كېتىلىدۇ.


ئەر-ئايال، قېرى-ياش، ئانا-بالا بولسۇن ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار. لېكىن بەلگىسى بار كىشىلەرگە تەگمەڭلار. قىرغىننى ئىبادەتخانامدىن باشلاڭلار» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىرغىننى ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئاقساقاللارنى ئۆلتۈرۈشتىن باشلىدى.


روھ مېنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى. ئىچىم سىقىلىپ، ئاچچىقلاندىم. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى مېنى قاماللىۋالغانىدى.


ئۇ سۇيىقەستچىلەرنىڭ بالىلىرى ئاچلىقتىن ئۆلسۇن، ئۇلار ئۆزلىرى قىلىچتا ئۆلتۈرۈلسۇن! ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئەرلىرىدىن ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالسۇن! ياشانغانلىرى كېسەللىكتىن، ياشلىرى بولسا جەڭ مەيدانىدا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن!


شۇڭا مەن دەيمەنكى، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى بۇ زېمىنغا، يەنى بۇ زېمىندىكى ئىنسانلار، ھايۋاناتلار، شۇنداقلا دەل-دەرەخلەر ۋە زىرائەتلەرگە ياغدۇرىمەن. غەزەپ-نەپرىتىم ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان ئوتتەك يالقۇنلايدۇ.


ياشلارمۇ چارچايدۇ، ھېرىپ قالىدۇ، ھەتتا يىگىتلەرمۇ مادارىدىن كېتىپ يىقىلىدۇ.


مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى، سەن مەندىن ۋاز كېچىپ، يۈز ئۆرۈدۈڭ. شۇڭا، مەن ساڭا قارشى قولۇمنى كۆتۈرۈپ، سېنى ۋەيران قىلىمەن. ساڭا شەپقەت قىلىپ چارچىدىم.


كىشىلەر توپلىشىپ، خۇشال بولۇپ ئوينىغاندا، مەن ئەزەلدىن ئۇلارغا قوشۇلمىدىم، قولۇڭنى ئۈستۈمدە قويغانلىقىڭ ئۈچۈن يالغۇز ئولتۇردۇم، سەن مېنى بۇ كىشىلەرگە قارشى غەزەپكە تولدۇردۇڭ.


ئىگىمىز مەنسىتمىدى پۈتۈن باتۇرلىرىمنى، لەشكەر توپلاپ ھۇجۇم قىلدى ئۇ ماڭا، بىتچىت قىلماق بولۇپ يىگىتلىرىمنى. خۇددى ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە ئۈزۈم ئەزگەندەك دەسسەپ چەيلىدى يەھۇدىيە خەلقىنى.


قېرىلارنىڭ، بالىلارنىڭ جەسەتلىرى ياتار كوچىدا، قىزلىرىم، ئوغۇللىرىم ئۆلتۈرۈلگەن قىلىچ ئاستىدا. ئۇلارنى ئۆلتۈردۈڭ سەن غەزەپلەنگەن كۈنۈڭدە، ھېچبىر رەھىم قىلمىدىڭ قىرىپ تاشلىغىنىڭدا.


ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، مەن ساڭا بەرگەن بۇ يازمىنى يە، ئۇنىڭ بىلەن قورسىقىڭنى تويدۇر، _ دېدى. مەن يازمىنى يېدىم، يازما ھەسەلدەك تاتلىق تېتىدى.


«ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەپ ئېيت: ‹سىلەرنى پەخىرلەندۈرگەن، سۆيۈندۈرگەن ۋە قەلبىڭلارنى ئىنتىلدۈرگەن مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بۇلغايمەن. يېرۇسالېمدا قالغان پەرزەنتلىرىڭلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ.


ئۇلارنى ئاشۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالىماي قانداق تۇرالاي؟ ماڭا قارشى تۇرغان بۇنداق خەلقتىن قىساس ئالماي قانداق تۇرالاي؟


مەن مۇنداق دېدىم: «ئەي يىغلاۋاتقان ئاياللار، ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ نېمە دېگىنىنى ئاڭلاڭلار. قۇلىقىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلەرنى تىڭشاڭلار. قىزلىرىڭلارغا نالە-پەرياد قىلىشنى ئۆگىتىڭلار ھەمدە ھەربىرىڭلار قوشناڭلارغا ماتەم ناخشىسىنى ئۆگىتىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite