Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 6:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 مەن مۇنداق جاۋاب بەردىم: «كىمگە گەپ قىلاي، كىمنى ئاگاھلاندۇراي؟ گېپىمنى كىم ئاڭلايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى ئېتىۋېتىلگەن، ئاڭلىيالمايدۇ. ئۇلار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى كۆزگە ئىلمايدۇ، پەقەت ئاڭلاشنى خالىمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 6:10
40 Referans Kwoze  

ئىستىپان سۆزىنى ئاياغلاشتۇرۇپ: - ئەي، بوينى، يۈرىكى ۋە قۇلىقى قاتتىقلار! سىلەر خەتنە قىلىنمىغان كاپىرلارغا ئوخشاش جاھىل! سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا ئوخشاش، خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا دائىم قارشىلىق قىلىۋاتىسىلەر!


بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سىلەرنى ھەرگىز ئۆچ كۆرمەيدۇ، لېكىن مېنى ئۆچ كۆرىدۇ. چۈنكى، مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى رەزىل دەپ، گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمەن.


لېكىن ھېچقايسىڭلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ھەتتا ئېتىبارمۇ قىلمىدىڭلار. سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ جاھىل ۋە ئاسىي بولدۇڭلار.»


ئېتىقادى ۋەجىدىن، نۇھ پەيغەمبەر تېخى كۆرۈلۈپ باقىمغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، خۇدانىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر كېمە ياسىدى. ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جازالىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندى.


بىز يەتكۈزگەن بۇ سۆزلەرگە كىم ئىشىنىدۇ؟ پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى كىمگە ئايان بولدى؟


مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ سۆزۈمگە ئىسرائىللار قۇلاق سالمىغان يەردە پىرئەۋن قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن تىلى ئېغىر بىر ئادەم تۇرسام! _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.


چۈنكى، شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا ئىنسانلار خۇدا توغرىسىدىكى توغرا تەلىملەرنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. بەلكى، ئۇلار قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن، ئۆز ھەۋەسلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەلىم بەرگۈچىلەرنى ئىزدەيدۇ.


شۇڭا، بىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى بارلىق ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشكە، شۇنداقلا خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ تەلىم بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ئېتىقادىنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇق يېتىلگەن ھالدا خۇدانىڭ ئالدىغا بېرىشى ئۈچۈندۇر.


خۇدانىڭ قانۇنىدىن ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈنىمەن.


كېيىن، ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: - ئى رەببىم، بۇ گۇناھنى دەپ ئۇلارنى جازالىمىغايسەن، - دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا جان ئۈزدى.


ئۇنىڭ يېنىدىكى بەزى پەرىسىيلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ: - بۇ بىزنىمۇ كور دەپ قارىغانلىق ئەمەستۇ؟ - دەپ سوراشتى.


تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئالىي روھانىيلار بۇ تەمسىلنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ھەزرىتى ئەيسانى شۇ چاغدىلا تۇتماقچى بولدى. لېكىن، ئۇلار خەلقتىن قورقۇشتى.


مەلۇم بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، بۇ سۆزلىرىڭىز بىزگىمۇ ھاقارەت بولدى! - دېدى.


پەرىسىي ۋە سادۇقىي ئېقىمىدىكىلەردىنمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگەن يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - ئەي ساختىپەز يىلانلار! توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟!


بەيتەل شەھىرىنىڭ روھانىيسى ئامازيا ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامغا ئادەم ئەۋەتىپ، مۇنداق ئۇچۇر بەردى: «ئاموس ئىسرائىلىيە خەلقى ئارىسىدا ساڭا قارشى قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا تاقىتى قالمىدى.


ئەگەر سەن ئۇنى يامان يولىدىن يېنىشىغا ئاگاھلاندۇرساڭ، لېكىن يامان يولىدىن يانمىسا، ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. لېكىن سەن بولساڭ ئۆزۈڭنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بولىسەن.


كۆزەتچى دۈشمەننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇرغا چېلىپ خەلقنى ئاگاھلاندۇرسا،


ئەي، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقى، سىلەر خەتنە قىلىپ، خەلقىم بولغانىكەنسىلەر، قەلبىڭلارنى پاكلاپ، ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، قىلغان رەزىللىكىڭلار ئۈچۈن، غەزىپىم خۇددى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك سىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم بۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.»


نىجاتلىقىڭغا تەشنامەن پەرۋەردىگار، تەلىمىڭدىن قەلبىم مېنىڭ شادلىققا تولار.


رەھىم قىلىپ، ساقلىغايسەن ھاياتىمنى، شادلىقىم دەپ بىلىپ كەلدىم تەلىملىرىڭنى.


بىخۇدلاشقان ئۇلارنىڭ قەلبى ئەزەلدىن، مەن بولسام سۆيۈنىمەن تەلىمىڭدىن.


ئەمرلىرىڭگە بويسۇنىدىغان قىلغىن مېنى، چۈنكى سۆيىمەن سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىشنى.


پەرزلىرىڭ سۆيۈنىشىمدۇر، ھەم مېنىڭ مەسلىھەتچىمدۇر.


سۆيۈندۈردى نىزامىڭ مېنى، ئۇنتۇمايمەن كالامىڭنى.


ئى ئىلاھىم، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خۇشاللىقىمدۇر، تەلىملىرىڭ قەلبىمگە چىڭ پۈتۈلگەندۇر.»


پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرىدىن سۆيۈنچ تاپىدۇ ئۇلار، كېچە-كۈندۈز شۇ تەلىملەر ھەققىدە پىكىر قىلار.


لېكىن پەرۋەردىگار تاكى بۈگۈنگىچە سىلەرگە چۈشىنەلەيدىغان قەلب، كۆرەلەيدىغان كۆز، ئېنىق ئاڭلىيالايدىغان قۇلاق بەرمىدى.


ئەي، كۆزى تۇرۇپ كۆرمەيدىغان، قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان ئەخمەق ۋە پاراسەتسىز خەلق، بۇنى ئاڭلاڭلار!


سىلەر نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنى بىلمىدىڭلار. قۇلاقلىرىڭلار ئوچۇق تۇرۇپ، ھېچنېمىنى ئاڭلىمىدىڭلار.»


مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىۋاتىمەن، سىلەر نۇرغۇن رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭلار، مېنىڭ قايتا-قايتا ئېيتقان سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار. مەن سىلەرنى توۋا قىلىشقا چاقىرغاندا، سىلەر جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدىڭلار!


_ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سېنى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا سۆزۈمنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتىمەن. ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «مەن پەرۋەردىگار سىلەردىن سورايمەن: نېمىشقا مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمايسىلەر، كۆرسەتكەن يولۇمدا ماڭمايسىلەر؟


لېكىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى بوينى قاتتىق، جاھىل خەلقتۇر، ئۇلار سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمايدۇ، ھەتتا مېنىڭ سۆزلىرىمگىمۇ قۇلاق سالمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite