يەرەمىيا 52:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 بابىللىقلار زىدقىيا پادىشاھنى تۇتۇپ، ئۇنى خامات رايونىدىكى رىبلاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. بابىل پادىشاھى شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. Gade chapit la |
پىرئەۋن نىكو يوئاخازنىڭ يېرۇسالېمدىكى پادىشاھلىقىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى خامات رايونىدىكى رىبلاھ شەھىرىدە زىندانغا تاشلىدى. كېيىن ئۇنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى، ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى. پىرئەۋن نىكو يوشىيانىڭ يەنە بىر ئوغلى ئەلياقىمنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، ئىسمىنى يىھوياقىمغا ئۆزگەرتتى. ئۇ يەھۇدىيەگە 3500 كىلو كۈمۈش ۋە 35 كىلو ئالتۇن سېلىق سالدى.
شۇ كۈندىن باشلاپ پادىشاھ سۇلايمان شىمالدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن جەنۇبتىكى مىسىر چېگراسىغا جايلاشقان دەرياغىچە بولغان ئارىلىقتىن كېلىپ توپلانغان پۈتكۈل ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا زور جامائەت بولۇپ توپلىنىپ، ئىككى كەررە يەتتە كۈن، يەنى ئون تۆت كۈن كەپە تىكىش ھېيتى ئۆتكۈزدى.
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇنىڭدىن كېيىن مەن، پادىشاھ زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە بۇ شەھەردە كېسەل، ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتىن ئامان قالغانلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۇلارنى قىرغىن قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ھېچقانداق ئىچ ئاغرىتىش، ھېسداشلىق ياكى شەپقەت قىلمايدۇ.›»
ئۇلار شىمالدىن جەڭ ھارۋىلىرى، ئوزۇق-تۈلۈك ھارۋىلىرى ۋە زور قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ، ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار قوللىرىغا چوڭ-كىچىك قالقان ئالغان، باشلىرىغا دۇبۇلغا كىيگەن بولۇپ، تۆت تەرەپتىن سېنى قورشاۋغا ئالىدۇ. ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىنى ئۇلارغا بېرىمەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە سېنى جازالايدۇ.