Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 52:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 بابىللىقلار ئاخىرى شەھەر سېپىلىنى بۇزدى. گەرچە بابىللىقلار شەھەرنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ، يېرۇسالېمدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھى زىدقىياغا ئەگىشىپ، كەچتە پادىشاھنىڭ بېغىنىڭ يېنىدىكى ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق شەھەردىن چىقىپ، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا قاراپ قاچتى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 52:7
17 Referans Kwoze  

دەريانىڭ كېچىكلىرىنى بېسىۋالىدۇ. دۈشمەنلەر ئۇنىڭ قومۇشلۇقلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، بابىلنىڭ لەشكەرلىرى ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.


بابىللىقلار ئاخىرى شەھەر سېپىلىنى بۇزدى. گەرچە بابىللىقلار شەھەرنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ، يېرۇسالېمدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھى زىدقىياغا ئەگىشىپ، كەچتە پادىشاھنىڭ بېغىنىڭ يېنىدىكى ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا قاراپ قاچتى.


ئۇنىڭ يىگىتلىرى كوچىلاردا يىقىلىپ چۈشىدۇ، ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ بارلىق لەشكەرلىرى ھالاك بولىدۇ. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئەگەر ئۇلارنىڭ قورام تېشى ئۇلارنى سېتىۋەتمىگەن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى تاشلىۋەتمىگەن بولسا، بىر ئادەم قانداقمۇ مىڭلىغان ئادەمنى، ئىككى ئادەم قانداقمۇ تۈمەنلىگەن ئادەمنى چېچىۋېتەلىسۇن؟


ئۇ سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سىلەر دۈشمىنىڭلارغا بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلار جېنىڭلارنى تەرەپ-تەرەپكە ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىسىلەر. تەقدىرىڭلاردىن ئالەمدىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈيدۇ.


ئاراڭلاردىن ھايات قالغىنىڭلارنى دۈشمەن ئەللەردە ۋەھىمىگە سالىمەن، سىلەر غازاڭلارنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىدىنمۇ دەھشەتكە چۈشىسىلەر. خۇددى قىلىچلىق ئادەمدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغاندەك قاچىسىلەر. ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ، يىقىلىپ چۈشىسىلەر.


مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەر دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولىسىلەر. سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قورقۇپ جېنىڭلارنى ئېلىپ قاچىسىلەر.


مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، بابىل قوشۇنلىرىنى بۇ شەھەرگە قايتىدىن چاقىرىپ كېلىمەن. ئۇلار بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، شەھەرنى بېسىۋېلىپ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. مەن يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرىنى ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن.»


پادىشاھ زىدقىيا ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى قوشۇنلار شەھەر سېپىللىرىنى بۇزۇپ كىردى.


يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ نەرسە-كېرەكلىرىنى يۈدۈپ، كېچىدە يولغا چىقىپ، تامنىڭ تۆشۈكىدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئۇ يۇرتىنى كۆرمەسلىكى ئۈچۈن يۈز-كۆزىنى ئېتىۋالىدۇ.


سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 12-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى يېرۇسالېمدىن قېچىپ چىققان بىرى بابىلغا كېلىپ ماڭا: _ شەھەر گۇمران بولدى، _ دېدى.


سىلەر سېپىل يوچۇقلىرىدىن تارتىپ چىقىرىلىپ، ھارمونغا ھەيدەپ ئاپىرىلىسىلەر. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


شۇڭا كېلىڭلار، كېچىدىن پايدىلىنىپ، ھۇجۇم قىلىپ، مۇستەھكەم قورغانلىرىنى ۋەيران قىلايلى!» دەيدۇ.


خۇددى سۈرگۈنگە تەييارلانغان ئادەمدەك، كۈندۈزى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نەرسە-كېرەكلىرىڭنى يىغىشتۇر. گۇگۇم ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا خۇددى سۈرگۈن قىلىنغاندەك ماڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite