Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 52:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا سۇلايمان پادىشاھ ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك، داڭقان، داڭقان ئاستىدىكى ئون ئىككى بۇقا ۋە ھارۋىلارغا ھەددى-ھېسابسىز تۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئېغىرلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 52:20
6 Referans Kwoze  

تۇچتىن ياسالغان بۇ نەرسىلەر تولىمۇ كۆپ بولغاچقا، سۇلايمان بۇلارغا قانچىلىك تۇچ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئۆلچەپ ئولتۇرمىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا سۇلايمان ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك، داڭقان ۋە ھارۋىلارغا ھەددى-ھېسابسىز تۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئېغىرلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.


سۇلايمان ياساتقان بۇ نەرسىلەر بەك كۆپ بولغاچقا، ئىشلىتىلگەن تۇچلارنىڭ ئېغىرلىقى ھېسابلانمىدى.


قارا ئوغلۇم، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن 3500 توننا ئالتۇن، 35 مىڭ توننا كۈمۈش، ھەددى-ھېسابسىز تۇچ ۋە تۆمۈر تەييارلىدىم. مەن يەنە ياغاچ ۋە تاش ماتېرىياللارنىمۇ تەييارلىدىم. لېكىن سەن ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپەيتكىن.


داڭقان 12 دانە تۇچ بۇقىنىڭ ئۈستىگە قويۇلدى. بۇقىلارنىڭ ئۈچى شىمالغا، ئۈچى غەربكە، ئۈچى جەنۇبقا، ئۈچى شەرققە قارىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرى ئىچ تەرەپكە قارايتتى.


بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى تۇچ تۈۋرۈكنى، ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى تۇچ داسلار قويۇلغان تۇچ ھارۋىلارنى ۋە «دېڭىز» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقاننى بۇزۇپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite