18 ئۇلار يەنە كۈل قاچىلىرى، گۈرجەكلەر، پىلىك قايچىلىرى، داسلار، ئىسرىق تەخسىلىرى ۋە ئىبادەتخانىدا ئىشلىتىلىدىغان باشقا تۇچ ئەسۋابلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى.
كۈل قاچىلىرى، گۈرجەكلەر ۋە داسلار. ھۇرام سۇلايمان پادىشاھنىڭ تەلىپى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇ نەرسىلەرنى پارقىراق تۇچتىن قۇيۇپ چىقتى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق سايمانلارنى، يەنى چوغدان، ئارا، گۈرجەك ۋە داسلارنى قويۇپ، كېيىن نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن. ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.
قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان كۈل قاچىسى، گۈرجەك، داس، ئارا ۋە چوغدان قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تۇچتىن ياسالسۇن.
ھۇرام يەنە كۈل قاچىسى، گۈرجەك ۋە داسلارنى ياسىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن پادىشاھ سۇلايمان بۇيرۇغان بارلىق ئىشلارنى پۈتتۈردى.
30 دانە ئالتۇن قاچا، 410 دانە كۈمۈش قاچا، 1000 دانە ھەر خىل قاچا-قۇچا.
ئالتۇن پىلىك قايچىلىرى، ئالتۇن داسلار، ئالتۇن ئىسرىق تەخسىلىرى، ئالتۇن چوغدانلار ھەمدە ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە ئاساسىي خانىنىڭ ئالتۇن ئىشىكلىرى.
كۈل قاچىلىرى، گۈرجەكلەر ۋە ئارىلار. ھۇرام سۇلايمان پادىشاھنىڭ تەلىپى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇ نەرسىلەرنى پارقىراق تۇچتىن قۇيۇپ چىقتى.
ھۇرام يەنە كۈل قاچىسى، گۈرجەك ۋە داسلارنى ياسىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن پادىشاھ سۇلايمان بۇيرۇغان ھەممە ئىشلارنى پۈتتۈردى.
ئۇ يەنە ئون دانە شىرە ياسىتىپ، بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرى خانىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە، بەشىنى شىمالىي تەرىپىگە قويغۇزدى. ئۇ يەنە يۈز دانە ئالتۇن داس ياساتتى.
ئالتۇن ئارا، ئالتۇن داس، ئالتۇن چەينەك، ئالتۇن قاچىلار، كۈمۈش قاچىلار ۋە
ئالتۇن پىيالىلەر، ئالتۇن پىلىك قايچىلىرى، ئالتۇن داسلار، ئالتۇن ئىسرىق تەخسىلىرى، ئالتۇن چوغدانلار، ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە ئاساسىي خانىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئالتۇن بىلەن قاپلانغان مۇجۇقلىرى.
ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،
ئۇلار ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نانلار قويۇلىدىغان شىرەنىڭ ئۈستىگە بىر پارچە كۆك رەڭلىك رەخت يېپىپ، ئۈستىگە تاۋاقلار، تەخسىلەر، ئىچىملىك ھەدىيەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كۈپلەر ۋە چىنىلەرنى قويسۇن. ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نانلار ئۇ يەردە تۇرسۇن.
ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان كۈل قاچىسى، گۈرجەك، داس، ئارا ۋە چوغدان قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تۇچتىن ياسىدى.
ئۇ ساپ ئالتۇندىن چىراغدانغا يەتتە چىراغ، پىلىك قىسقۇچ ۋە پىلىك قالدۇقىنى قويىدىغان تەخسە ياسىدى.
شىرەنىڭ ئۈستىدىكى تاۋاق ۋە تەخسە، شۇنداقلا ئىچىملىك ھەدىيەسىگە ئىشلىتىلىدىغان چىنە ۋە چەينەكلەرنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى.
شىرەنىڭ ئۈستىدىكى تاۋاق ۋە تەخسە، شۇنداقلا ئىچىملىك ھەدىيەسىگە ئىشلىتىلىدىغان چەينەك ۋە چىنىلەر ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن.
پىلىك قىسقۇچ، پىلىك قالدۇقىنى قويىدىغان تەخسە ساپ ئالتۇندىن قىلىنسۇن.