Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 52:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى تۇچ تۈۋرۈكنى، ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى تۇچ داسلار قويۇلغان تۇچ ھارۋىلارنى ۋە «دېڭىز» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقاننى بۇزۇپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 52:17
12 Referans Kwoze  

ئىگىمىز خۇدا نىبۇكادنەزەرنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنى تۇتقۇن قىلىشىغا ۋە ئىبادەتخانىدىكى بىر قىسىم مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ كېتىشىگە يول قويدى. نىبۇكادنەزەر بۇ بۇيۇملارنى بابىلدىكى ئۆز ئىلاھى ئۈچۈن ياسالغان ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە ئەكىرىپ قويدى.


دۈشمەن ئېلىپ كەتتى سىئوننىڭ بايلىقلىرىنى. كۆردى سىئون خەلقى ياتلارنىڭ بېسىپ كىرگىنىنى ئىبادەتخانىغا _ ئىگىمىزنىڭ ياتلارنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن جايىغا.


بابىل پادىشاھى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك بۇيۇملارنى، قىممەتلىك نەرسىلەرنى، پادىشاھ خەزىنىسىدىكى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى بارلىق بايلىقلارنى، قىسقىسى ھەممىنى بابىلغا ئېلىپ كەتتى.


ئالتۇن پىيالىلەر، ئالتۇن پىلىك قايچىلىرى، ئالتۇن داسلار، ئالتۇن ئىسرىق تەخسىلىرى، ئالتۇن چوغدانلار، ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە ئاساسىي خانىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئالتۇن بىلەن قاپلانغان مۇجۇقلىرى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قۇلاق سال! شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ھازىرغىچە توپلىغان بارلىق بايلىقلار بابىلغا توشۇپ كېتىلىدۇ، ھېچ نەرسەڭ قالمايدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا سۇلايمان پادىشاھ ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك، داڭقان، داڭقان ئاستىدىكى ئون ئىككى بۇقا ۋە ھارۋىلارغا ھەددى-ھېسابسىز تۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئېغىرلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite