Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 52:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 شەھەردە قالغان بىر قىسىم نامراتلار، بابىل پادىشاھىغا بۇرۇن تەسلىم بولغانلار، قېلىپ قالغان ھۈنەرۋەنلەر ۋە باشقا قېلىپ قالغانلارنى ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان يالاپ بابىلغا ئېلىپ كەتتى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 52:15
7 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار بارلىق ئەللەرنى يىغىپ، يېرۇسالېمغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندۇرىدۇ. شەھەر قولدىن كېتىپ، ئۆيلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ، قىز-ئاياللار دەپسەندە قىلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېرىمى سۈرگۈن قىلىنىپ، يېرىمى قالدۇرۇلىدۇ.


شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 19-يىلى بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارى، يەنى ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان يېرۇسالېمغا كەلدى.


ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان شەھەردە قالغان ئاھالىلەرنى، بابىل پادىشاھىغا بۇرۇن تەسلىم بولغانلارنى ھەم شەھەر ئەتراپىدا قالغان خەلقنى يالاپ ئېلىپ كەتتى.


ئاندىن قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان شەھەردە قالغان پۇقرالارنى ئەسىرگە ئېلىپ، تەسلىم بولغان كىشىلەر بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلدى.


سەن ئۇلارغا يەنە: «مەن سىلەرگە پەقەت بىر تەمسىل بولدۇم. مەن كۆرسەتكەن ئىشلار چوقۇم كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردا يۈز بېرىدۇ» دەپ ئېيت. ئۇلار ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنىدۇ.


يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىم يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا ۋە يوشىيانىڭ يەنە بىر ئوغلى بولغان زىدقىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلىغىچە ئۇنىڭغا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كېلىپ تۇرغان. ئاشۇ يىلى يازدا يېرۇسالېم خەلقى سۈرگۈن قىلىنغان.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite